21- مارت سائەت 8:40 دا ، 611 نەپەر يولۇچى ئولتۇرغان D9966 - قېتىملىق ئېلېكتىروۋۇز گۇرۇپپىسى يولۇچىلار مەخسۇس پويىزى يولغا چىقتى. بۇ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيان يولغا چىققان تۇنجى يولۇچىلار مەخسۇس پويىزى ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئالاھىدە بولۇپ ، ئۈرۈك چىچەكلىرى بالدۇر ئېچىلغاچقا، قەدىمدىن تارتىپ ‹‹ شىنجاڭنىڭ تۇنجى باھارى ›› دېگەن گۈزەل نامى بار. 2013- يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۈرۈك چېچىكى بايرىمىنى باش تېما قىلغان ‹‹ تۇپان ئۈرۈك چېچىكى ساياھەت مەزگىلى ›› پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغان. ئىگىلىنىشىچە ، بۇ يىلقى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى 21- مارتتىن 29- مارتقىچە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يولغا چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۆرۈك بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىن تۇرپان شىمالىي بېكىتىگە بارىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى تۇنجى قېتىم يولغا قويغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ تۆت جۈپ مەخسۇس پويىز قاتنايدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى جاڭ خانىم بۇ تۇنجى قېتىملىق ساياھەت ئۆمىكىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان بولۇپ ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ : بىر قىشنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاتا- ئانام ، دوستلىرىم بىلەن تۇرپانغا بېرىپ ئۆرۈك چېچىكىنى كۆرۈپ كېلىشكە ماڭدىم، ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن تۆمۈريول تارماقلىرى ھەمكارلىشىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويۇپ بەك ياخشى قىپتۇ، بۇ پويىزنىڭ سۈرئىتى تېز، مۇلازىمىتى ياخشى ، پائالىيەت مەزمۇنلىرىمۇ ناھايىتى مول ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved