گېرراد ئامېرىكا لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسىغا قۇشۇلماقچى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

ئەنگىلىيەنىڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بولغان « كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇ يىل يازدا لىۋىرپول كۇلۇبىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان كوماندا باشلىقى سىتىۋىن گېررادنىڭ كېيىنكى بارار جايى ئاساسەن ئامېرىكا چوڭ ئىتتىپاقى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. گېرراد جەمئىي قىممىتى 20 مىلىيۇن پوند سىتىرلىڭ لىق توختامغا ئېرىشىدىكەن. « ھاياتىمدىكى ئەڭ قىيىن چىقارغان قارار » ( گېرراد ئۆزىنىڭ لىۋىرپولدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا شۇنداق دېگەن) نى چىقارغاندىن كېيىن بۇ قىزىل ئارمىيەنىڭ باشلىقى بېكخامنىڭ ئىزىنى بېسىپ لىۋىرپول كۇلۇبىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسىغا قۇشۇلۇپ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

 

11-ئايدىن باشلاپ لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسى ئىزچىل ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان. ئۇلار ئىسمى ھەممىگە تۇنۇش بولغان بىر توپچى ئارقىلىق تېخى ئەمدىلا پۇتبول دۇنياسىدىن چېكىنگەن دورنۋاننىڭ ئورنىنى تۇلۇقلىماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى دەل قىزىل ئارمىيىنىڭ باشلىقى گېرراد ئىدى. لوس ئانجىلىس سامانيولى كۇلۇبى گېرراد ئۈچۈن ھەپتىسىگە 100 مىڭ پوند سىتىرلىڭ  مائاش بېرىدىغان تۆت يىللىق توختام بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ بېكخامنىڭ ئەينى چاغدا لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسىدىكى كۈتۈلىشى بىلەن ئوخشاش بۇلۇپ بۇنىڭدىن كۇلۇبنىڭ بۇ ئىشقا شۇنچىلىك ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

 

قانداق بىر كوماندىغا قۇشۇلىشىدىن قەتئىينەزەر گېرراد ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ رەقىب سۈپىتىدە لىۋىرپول بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشماسلىقنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئائىلىسىنى ئويلىشىپ گېرراد ئوتتۇرا شەرق رايۇنلىرى ۋە جۇڭگۇدىن كەلگەن توختاملارنى رەت قىلغان.

 

مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ كوماندا باشلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا نىسبەتەن لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ ئاتاقلىق تۆھپكارى فىل تامپىسىن گېررادنىڭ ئامېرىكىدا ئۆزنىڭ كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىشىغا ئامەت تىلەپ مۇنداق دەيدۇ: « بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدەك يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقە ئويناشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بۇلۇشى مۇمكىن. بىراق ئامېرىكىدا ئۇ ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتىنى نامايەن قىلالايدۇ. مەن ئۇنىڭ ئامېرىكىدا گۈزەل خاتىرىسى بۇلۇشىنى تىلەيمەن. »



خەتكۈچلەر:
04-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: پۇتول تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek