1–دېكابىر سەھەردە خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى (SDR)غا كىرىشى تەستىقلانغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كەڭ تەسىر قوزغىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە خەلق پۇلىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى (SDR) غا كىرىشىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان بىۋاسىتە تەسىرى چەكلىك بولسىمۇ، ئەمما ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارادىكى ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسى ۋە ئەركىن ئىشلىتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كارخانا ۋە پۇقرالار مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال قاتارلىق تەرەپلەردىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدىكەن.
خەلق پۇلىنىڭ بازىرى چىقىدۇ
شەرق ئاكسىيەسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى شاۋيۈنىڭ قارىشىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى خەلق پۇلىنى زاپاس مۈلۈك قىلغاندىن كېيىن، بازار ئاپپاراتلىرىمۇ خەلق پۇلى مۈلكىنى تەقسىملەشنى كۈچەيتىدىكەن، ئاندىن بۇ مۈلۈكلەر خەلق پۇلى ئارقىلىق ھېسابلىنىدىغان پاي چېكى، زايوم، روزغارچىلىق مەھسۇلاتى ۋە ئامانەت پۇلى قاتارلىقلارغا ئايلىنىدىكەن، بۇ دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلە بازىرىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ، خەلق پۇلىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى سەۋەبلىك پۇقرالارنىڭ ئىلكىدىكى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: خەلق پۇلى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى (SDR)غا كىرگەندىن كېيىن، خەلقئارانىڭ پۇل ۋەزىيىتىنى دەرھال ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما خەلقئارالىق چوڭ ئاپپاراتلارنىڭ خەلق پۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇش خاھىشىنى كۈچەيتىدۇ. قىسقا مۇددەتتە خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى ئېتىراپ قىلىنىش ۋە ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ، دوللارنىڭ ئۆسۈمنى يۇقىرىلىتىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولۇۋاتقان شارائىتتا، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قولىدىكى خەلق پۇلىنىڭ مۇقىملىقى ئېشىپ، پۇل پاخاللىقىدىن خەۋپسىرەش تۇيغۇسى تۆۋەنلەيدۇ.
چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىش ۋە چەت ئەلدە مال سېتىۋېلىش قولايلىشىدۇ
قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭ مۇنداق دېدى: خەلق پۇلى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى (SDR)غا كىرگەندىن كېيىن، خەلق پۇلىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەر كۆپىيىدۇ ياكى خەلق پۇلىنىڭ ھەر خىل سودىدا ئىشلىتىلىش دائىرىسى كېڭىيىدۇ. بۇنداق بولغاندا جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشى تېخىمۇ قولايلىشىپ، پۇل ئالماشتۇرۇش ئاۋارىچىلىكى ۋە تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئىستېمال قاتلىمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلق پۇلىنىڭ باھا ھېسابلاش ئىقتىدارى كۈچەيگەنلىكتىن، كۆپ مىقدارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى خەلق پۇلى ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ داۋالغۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپ – خەتەردىن ساقلىنىپ، پۇقرالارنىڭ بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ
جۇڭگو بانكىسى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زۇڭ لياڭ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، كارخانىلارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى خەۋپ – خەتىرى تۆۋەنلەپ، پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان باش قېتىنچىلىقى ئازىيىدۇ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىپ مەبلەغ سېلىش، سودىلىشىش، سېتىۋېلىش، قوشۇۋېلىش، شۇنداقلا خام ئەشيا، ئەمگەك مۇلازىمىتى، تېخنىكا قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشى نىسبەتەن قولايلىشىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانىلار ئۈچۈن يېڭى بىر كەسىپ بوشلۇقى ھازىرلىنىدۇ، ئىلگىرى مۇلازىمەت، سودا ساھەسىدە ئادۋوكاتلىق ھەققى، ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققى، مەسلىھەتچىلىك ھەققى قاتارلىقلارنى تۆلەشتە دوللار ئىشلىتىلەتتى، خەلق پۇلى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ قولايلىشىدۇ.
چەت ئەلدە ئۆي سېتىۋېلىش ۋە روزغارچىلىق قىلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ
مەبلەغ سېلىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، خەلق پۇلىنىڭ ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى (SDR)غا كىرىشى جۇڭگو كاپىتالى ۋە پۇل مۇئامىلە ھېساباتىنىڭ ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يەر شارى مىقياسىدا بايلىق تەقسىماتى ۋە سودا پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلدىكى مۈلۈكلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشى تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ، چەت ئەلگە چىقىپ كۆچمەس مۈلۈك، پاي چېكى، زايوم قاتارلىقلارغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئۆي سېتىۋېلىشتا بىۋاسىتە خەلق پۇلىنى ئىشلىتىپ ھېسابات قىلىشى ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنداقلا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭمۇ دۆلىتىمىزدە پاي چېكى، فوند، زايوم قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشى ئاسانلىشىدۇ. دېمەك، دۆلىتىمىزدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چېگرا ئاتلاپ مەبلەغ سېلىشى ۋە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved