بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .بوخەي رايونى ئەتراپىدا 50 نەچچە مو شورلۇق يەر بار ،ئىلگىرى بۇ شورلۇق يەرلەر يا بولمىسا ئۈنۈمسىز ياكى تۆۋەن ھۇسۇللۇق يەر ۋەياكى قاقاس يەرلەر ئىدى . بۇلتۇردىن باشلاپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى تۇت ئۆلكە شەھەرنى بىرلەشتۈرۈپ ،بوخەي ئاشلىق ئامبىرى پەن تېخنىكا ئۈنۈم كۆرسىتىش قۇرلىشىنى يولغا قۇيۇپ شورلۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتتى .ئورما مەزگىلى يېتىپ كەلدى ،شورلۇق يەرلەردە قانداق ئۆسكەندۇ ؟
ئىككى كۈندىن بېرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى جاڭ رۇڭخېنىڭ شورلۇق يېرىگە بېرىپ ،ئۇ تېرىغان بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلنى تەكشۈردى .تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا بىرلىك ھوسۇلى مىڭ جىڭدىن ئاشقان ،بۇ ئىنتايىن خوشاللىنارلىق نەتىجە .جاڭ رۇڭخې 4000مو شورلۇق يەرنى ھۆددىگە ئالغان ،تەكشۈرۈلشچە ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 1000جىڭدىن ئاشقان ،ئوتتۇرچە بىرلىك ھوسۇلى 700جىڭغا يەتكەن ،ئۇ بۇ يىل يىل ئاخىرى ھوسۇل .ئالالايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى ،جاڭ رۇڭخې مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى :‹ ئەينى چاغدا بۇغداي تېرىغاندا ئەنسىرىگەن ئىدىم ،شورلۇق يەرگە بۇغداي تېرىشتا ئازراقمۇ ئىشەنچىم يوق ئىدى ، شورلۇق يەردە زىرائەت تېرىسا پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىش ئىدى ›. ئەمەلىيەتتە مول ھوسۇل ئېلىشنىڭ سىرى ئالاھىدە ئوغۇت ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇققا يۇشۇرۇنغان .يېڭىدىن يېتىشتۈرۈپ چىقىلغان شىياۋ يەن 60 ناملىق سورت تۈپى پاكار ۋاشاقلىرى كۆپ بۇلۇپ شۇڭا كۆپ ھوسۇل بېرىدۇ ،
2013-يىلى 4-ئايدا دۆلەت بوخەي ئاشلىق ئامبىرى قۇرلىشىنى يولغا قويدى ،جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى بوخەي رايونى ئەتراپىدىكى خېبىي شەندۇڭ لىياۋنىڭ تىيەنجىندىكى نەچچە يۈز پەن تېخنىكا خادىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بوخەي دېڭىز بويىدىكى تۆت ئۆلكە شەھەردىكى نەچچە يۈز پەن تېخنىكا خادىمىدىن تەشكىللەنگەن تەتقىق قىلىپ ئاچىدىغان ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان 20 نەچچە كوللېكتىپ قۇرۇپ شورلۇق يەر تۈزەش تېخنىكىسى تەتقىقاتىدا نەتىجە ياراتتى . بوخەي رايونى پەن تېخنىكا قۇرلىشىنىڭ يول باشچىسى ئاكادېمىك لى جىنشىڭ مەخسۇس شورلۇق يەرگە تېرىلىدىغان شورغا چىداملىق بۇغداي سورتى شىياۋيەن يۈرۈشلۈك سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى .سىناپ تېرىشتا مەھسۇلات مىقدارى 20% تىن كۆپرەك ئاشتى ھەم بوخەي دېڭىزى ئەتراپىدىكى رايونلار دا كەڭ كۆلەمدە كېڭەيتىلدى . شور تۇپراقنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئالاھىدە مىكرو ئورگانىزملىق باكتىرىيىلىك ئوغۇت تەتقىق قىلىپ چىقتى . مانا بۇ مىكرو ئورگانىزملىق سۇدىن پايدىلىنىپ تۇپراقنى ياخشىلىغانلىقنىڭ .ئۈنۈمى ،بۇرۇن بۇنداق يۈرۈشلۈك تېخنىكا ۋە ئۇسۇل بولمىغاچقا كېۋەز قاتارلىق شورغا چىداملىق بىرلا خىل زىرائەت تېرىلاتتى .شۇڭا شورلۇق يەرگە ئاشلىق تېرىغىنىمىزنى بىر مۆجىزە دېسەك بولىدۇ .
بوخەي دېڭىزى ئاشلىق ئامبىرى قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ بالدۇر باشلانغان سىناق رايون بولغان شەندۇڭ بىڭجۇدا يەتمىش مىڭ مو شورلۇق يەردە ئۇرۇقتىن تارتىپ ئۇغۇتقىچە تېرىقچىلىق سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئەندىزىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى . سۇ بايلىق كەمچىل خېېيدا بولسۇن تەتقىقاتچىلار يېڭىچە سۇغۇرۇش تېىخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ شورلۇق يەرنى تۈزەشنى كۈچەيتتى ، دېھقانلارنىڭ قاتلامدىكى تاتلىق سۇ تېيىز قاتلامدىكى تۇزلۇق سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ مۇئەييەن قۇيۇقلۇقتىكى سەل تۇزلۇق سۇ تەڭشەپ چىقىپ مايسىلارنى غول تارتىش مەزگىلىدە سۇغۇرۇپ ھوسۇلنى 20%ئاشۇردى . ئېلىمىزىنىڭ بوخەي دېڭىز ئەتراپىدىكى رايونلاردا جەمئىي 50 مىليونغا يېقىن شورلۇق يەر بار ،بوخەي دېڭىزى ئاشلىق ئامبىرى قۇرلىشى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان تېرىش ئوغۇتلاش تۇپراق سۇنى ياخشىلاش تېخنىكىسىغا تايىنىپ 5 مىليون مو يەردىن كۆپرەك شورلۇق يەرنى ئۆزگەرتىپ مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپ دېھقانلارنىڭ ھوسۇلى ئاشۇرۇلدى ،كەلگۈسىدە بوخەي دېڭىز .ئاشلىق ئامبىرى تۈرىدە نۇقتىلىق تۈردە تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ 2017-يىلىغا بارغاندا ئاشلىق مىقدارىنى 6 مىلىيارد جىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا 10 مىلىيارد جىڭ ئاشۇرۇش پىلانلاندى .ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ئاشقانسېرى شورلۇق يەر دائىرسى شۇنچە كىچىكلەيدۇ شۇڭا ئاشلىق ھوسۇلى تۆۋەن رايونلارغا كۈچەش كېرەك ،پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 32دىن بىر پىرسەنت يېرىدە ئوندىن بىر پىرسەنت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن بوخەي ئاشلىق ئامبىرىنىڭ ئەھمىيىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved