ئىغۋا:گوئەن يىلمازنى 8 مىلىيون ياۋروغا سېتىۋالدى، سىتۇرىچ جۇڭگوغا كېلىدۇ

      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا تۈركىيەلىك ھۇجۇمچى يىلمازنى سېتىۋالىدۇ دەپ خەۋەر قىلغان، ئەنگىلىيە تاراتقۇسى مورىنھو جۇڭگو كوماندىسىنىڭ تەكلىپىنى تاپشۇرىۋالدى، لىۋېرپول ھۇجۇمچىسى سىتۇرىچ جۇڭگوغا كېلىدۇ دەپ خەۋەر قىلغان.

         گوئەن يىلمازنى قوشىۋالدى

          بېيجىڭ گوئەن ئارقا بەل رالىف ۋە ھۇجۇم يادروسى ئاۋگۇستو بىلەن توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى بىر نەپەر چەتئەللىك سانىنى ھۇجۇمچىغا قالدۇردى. تۈركىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ەوئەن پات ئارىدا گالاتا ساراي بىرلەشمىسى ھۇجۇمچىسى يىلمازنى 8 مىلىيون ياۋرو باھادا سېتىۋالىدىكەن، ئۇ گوئەن بىلەن تۆت يىللىق توختام ئىمزالايدىكەن.

يىلماز 1985-يىلى تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى1.88 مېتىر، گالاتا ساراي كوماندىسىدا 140 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 81 توپ كىرگۈزگەن، 2012\13-مۇسابىقە پەسىلىدە 24 توپ كىرگۈزۈپ ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن بولغان. ئۇ ئىككى قېتىم كوماندىغا كۈچ چىقىرىپ بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، ھەم كوماندىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق سەككىز كۈچلۈككە كىرىشىگە كۈچ قوشقان. يىلماز بۇ پەسىلدىكى 15 مەيدان مۇسابىقىدە 9 توپ كىرگۈزدى، بۇندىن سىرت دۆلەت كوماندىسىدا 42 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 19 توپ كىرگۈزگەن.

تۈركىيە بېكى خۇاشىياغا قوشۇلدى

        تۈركىيە دۆلەت كوماندىسى بېكى گۈلۈم خېبىي خۇاشىيانىڭ كىيىمىنى كىيىپ چۈشكەن سۈرەتنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى. بۇندىن ئىلگىرىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ يۆتكىلىش ھەققى 7 مىلىيون ياۋرو.

گۈلۈم خېبىيدا ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيىتقان. بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن گۈلۈم ئاۋىستىرالىيە ۋە تۈركىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە، شۇ سەۋەبتىن يېڭى پەسىلدە ئاسىيا سىرتىدىكى توپچى سالاھىيىتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. ئۇ بېشىكتاشتىكى بەش يىلدا 126 قېتىم مەيدانغا چىقىپ ئۈچ توپ كىرگۈزگەن، بىر قېتىم تۈركىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

سىتۇرىچ جۇڭگوغا كېلىدۇ

ئەنگىلىيە «playingfor90» تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋېرپولنىڭ گۇمانلىنىشىغا ئۇچراپ نارازى بولغانلىقتىن ئېنگىلاند ھۇجۇمچىسى سىتۇرىچ جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشى مۇمكىنكەن.

بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن سىتۇرىچ، سۇيارىز بىلەن ماسلاشقان ۋاقىتتا ئىلگىرى لىۋېرپولنىڭ چېمپىيونلۇققا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلغان، ئەمما ئۆتكەن ئىككى پەسىلدە سىتۇرىچ سىتۇرىچ يارىلىنىش ئاۋارىچىلىقىغا ئۇچرىدى. خەۋەردە سىتۇرىچ كېيىنكى پەسىلدە جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىدۇ دېيىلگەن. يۆتكىلىش بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سىتۇرىچنىڭ باھاسى 25 مىلىيون ياۋرو ئىكەن.




خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
04-02-2016
     2015 ~ 16-مۇسابىقە پەسلىلىك CBA ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ 37 -قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئەزىمەتلەر ئۆز كۈچىنى تولۇق نامايان ...
Powered by Leglek