رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورنىڭ 8- يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مۇھەممەد.بىن.سالمان مۇنداق دېگەن: سەئۇدى ئەرەبسىتان نۆۋەتتىكى ئىران-سەئۇدى ئەرەبسىتان مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتكەن بىر قاتار ئىشلار سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا بىۋاستە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ دەپ قارىمايدۇ.
شۇ جاي ۋاقتى 1- ئاينىڭ 2- كۈنى شىئە مەزىپىدىكى دىنى زات نىمىرنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن نارازى بولغان ئىران خەلقى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلدى، ئەمما ئىران دائىرلىرىمۇ سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ نىمىرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبسىتان 3- يانۋار ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سالمان يەنە مۇنداق دېگەن: بىز ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىپ باقىمىدۇق، مەيلى كىم ئىككى دۆلەتنى بۇ يۆلىنىشكە ئىتتىرسۇن، بۇ ئادەم ئەقلىدىن چوقۇم ئېلىشىپ قاپتۇ. سەئۇدى ئەرەبسىتان بىلەن ئىران ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش پارتلىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا چوڭ ئاپەتنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ھەم پۈتكۈل يەر شارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ قارىغان: دىنى زاتنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبسىتاننىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ناچارلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولالمايدۇ، چۈنكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋتىنىڭ يامانلىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved