سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر يەمەندىكى خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

شىنخۇا تورى، سانائا، 26-مارت تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەر 26-مارت يەمەندىكى خۇسەي قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.
يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارىنىڭ شىنخۇا تورى مۇخبىرىغا ئېيتىشپ بېرىشىچە، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پايتەخت سانائادىكى نۇرغۇن نىشانلارغا راكېتا بومبا قويۇپ بەرگەن، شىئە مەزھىپىدىكى خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى ئىگىلىۋالغان شىمالدىكى بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە جەنۇبتىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىمۇ بومباردىمان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھاۋا ھۇجۇمىدا يەنە سانائانىڭ جەنۇبىدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بىر راكېتا بومبا ئامبىرىمۇ ۋەيران بولغان.
بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، خۇسەي تەشكىلاتى ھاۋا ھۇجۇمىغا قارشى توپ ئېتىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن.
خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى سىياسىي بىيۇروسى ( ئەڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى ) نىڭ ئەزاسى مۇھەممەد بۇكاخاتتى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: سەئۇدى ئەرەبىستان تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ يەمەن خەلقىگە جەڭ ئېلان قىلدى، بىز قايتۇرما ھۇجۇم قىلىمىز، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن رايون ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتۈشى مۇمكىن.
يەمەننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سالىھ رەھبەرلىكىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيەسىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ‹‹ ب د ت ئاساسىي قانۇنى ۋە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىسىدىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيمىز.
يەمەن زۇڭتۇڭى ھادى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى سەئۇدى ئەرەبىستان نۇرغۇن قېتىم سالىھنىڭ خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنى قوللاپ، يەمەن ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
يەنە بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئادېر شۇ يەر ۋاقتى 25-مارت كەچتە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 دۆلەت شۇ كۈنى كەچتە يەمەن خۇسەي قوراللىقلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
ئادىرنىڭ تاراتقۇلارغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ مەقسىتى يەمەن زۇڭتۇڭى ھادىنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنى ‹‹ قوغداش ۋە مۇھاپىزەت قىلىش ››ئىكەن. ئۇ يەنە: سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشتى، لېكىن ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشمىدى، دېدى. ئۇ بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىغا قايسى دۆلەتلەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئاشكارلىمىدى.
خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى يەمەننىڭ شىمالىدىكى سادا ئۆلكىسىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشغال قىلىۋالغان بولۇپ، 2010-يىلى يەمەن ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئالتە يىللىق قوراللىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرغان. 2014-يىلى 9-ئايدا خۇسەي قوراللىقلىرى پايتەخت سانائانى كونترول قىلىۋالغان، بۇ يىل 1-ئايدا يەمەن زۇڭتۇڭ قوغدىغۇچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان ھەمدە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنى ئىگىلىۋالغان، كېيىن زۇڭتۇڭ ھادىنى نەزەربەند قىلىۋالغان. ھادى 21-فېۋرال سانادىن قېچىپ دايادىڭ شەھىرىگە بېرىۋالغان ھەمدە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
25-مارت خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى ئادېن شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان ھەمدە 26-مارت سەھەردە ئادېن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى كونترول قىلىۋېلىپ، ئادېن شەھىرىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ قىسمەن بىنالىرىنى بۇزۇۋەتكەن. زۇڭتۇڭ ھادى يېقىندا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە خەت يېزىپ، يەمەندە تېخىمۇ كۆپ قالايمىقانچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ب د ت نىڭ دەرھال ياردەم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. يەمەن دىپلوماتىيە مىنىستىرى يادې 25-مارت مىسىردا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ يەمەنگە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، خۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇشنى مۇراجىئەت قىلغان.



خەتكۈچلەر:
27-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
   ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ماي بېيجىڭ خەلق سارىيىدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بوڭناڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن بۇرۇن شى جىنپ...
05-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 4-ماي، ب د ت نىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ھەلەب ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى جىددىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، ب د ت نىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى فېلتمان سۈرىيەد...
05-05-2016
    تۈركىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ 4- ماي ئاشكارلىشىچە، تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلۇ ھاكىميەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ رەھبىرى بولۇش ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرمەكچى بولغان. بۇندىن ئىلگىرى داۋۇت ئوغلۇ بىلەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ئوتتۇرسى...
05-05-2016
    كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 5- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترۇمپ 4- ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر %100 لىك مۇداپىئە خىراجىتى...
05-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، ئىيوردانىيە پايتەختى ئامماننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى Hadalat رايونى، زور بىر تۈركۈم سۈرىيە مۇساپىرلىرى ئىيوردانىيە-سۈرىيە چېگرىسىدا ئىيوردانىيەگە كىرىشنى كۈتمەكتە. ئىئوردانىيە چېگرا مۇھاپىزەت ئەترىت...
05-05-2016
    فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2015- يىلى قۇرامىغا يەتمىگەن 90 مىڭ مۇساپىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن جاخانا خايېس (ئوڭدىن 2-كىشى) ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى...
05-05-2016
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر شىمالىي قىسمىدىكى قورغان ئالېپپودا كەسكىن توقۇنۇشۇپ، ئۇرۇش توختىغىلى ئەمدىلا 10 ھەپتىدەك بولغان ۋەزىيەت ھالاكەتكە يۈزلەندى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئال...
05-05-2016
    4- ماي كۈنى بولسا جۇڭگونىڭ ياشلار بايرىمى. ياشلىق دېگەن نېمە؟ گوۋۇيۈەن« دۆلەتلىك يىللىق بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى چارىسى» بويىچە ياشلار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا 14 ياشتىن 28 ياشقىچە بول...
05-05-2016
    20 ياشتىن ئاشقان كورىيەلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنى «دوزاخ كەبى دۆلەت» دەپ قارايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان ئۇلارنى كەلگۈسىدە قايسى دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويغا...
Powered by Leglek