بەزىلەر ”ئامېرىكىدىكى مىليون ئامېرىكا دوللارلىقتىن ئارتۇق بايلىقى بار تەخمىنەن 5 مىليون ئائىلىنىڭ 80 پىرسەنتىنى تۇنجى ئەۋلات بېيىغۇچىلار“ دەپ قارايدۇ. بۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىممەت باﻫالىق پىكاپى، داچىسى بولۇش باي بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم كىرىم كاپالىتى بولۇش ئۇلارنىڭ ﻫەقىقىي بايلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇ سەۋەپلىك مالىيە باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسلىرى ”كىشىلەر پەقەت بىر قىسىم ئاددىي پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلسىلا باي بولۇشتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ چىقالايدۇ“ دەپ قارايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇ پىرىنسىپلارنى تۆۋەندىكى يەتتە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان، بۇلار بەلكىم سىزنىڭ مالىيە باشقۇرىشىڭىزغا ئېلﻬام بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
1 .پۇل ئارقىلىق پۇل تېپىش. 1967- يىلى، شىمالىي كارولىنا شىتاتىدىكى ئاكا- ئۇكا رولىفلار پاي سېتىش شەكلىدە مەبلەغ جۇغلاپ تۈرلۈك ماللار دۇكىنىدىن بىرنى ئاچىدۇ. ئۇلار يۈز تونۇشى بىلەن ئالاقىلىشپ، ئۇلارنىڭ ﻫەر بىرىگە 10 ئامېرىكا دوللىرىلىق باﻫادا جەمئى 100 پاي چېكى سېتىپ بېرىدۇ. 30 يىلدىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرلۈك ماللار دۇكىنى مىڭدىن ئارتۇق زەنجىرسىمان تارماق دۇكىنى بولغان ”يېمەكلىك پادىشاﻫى“ دېگەن نامغا ئېرىشكەن چوڭ شىركەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ پاي چېكىنىڭ باﻫاسى 109 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىدۇ، شۇ سەۋەپلىك ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇلارنىڭ دۇكىنىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ 78ئى مىليونېرغا ئايلىنىدۇ.
2. كىرىمگە قاراپ چىقىم قىلىش. ﻫانتو بىلەن جورجىنا كۇبادىن ئامېرىكىغا كەلگەندە يېنىدا بىر تىيىنمۇ پۇل يوق ئىدى. ئۇلار 1966- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇخبىرلىق قىلىدۇ. ئۇلار ﻫەر بىر تىيىن پۇلنىمۇ تېجەپ خەجلەشنى ئۆزلىرىنىڭ باي بولۇش تاكتىكىسى قىلىشىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا بانكا ئامانەت ئۆسۈمى تەكرار ئۆسۈم نىسبىتى شەكلىدە ﻫېسابلىنىدىغانلىقتىن، ئەر- ئايال ﻫەر ئايدا دېگۈدەك بانكىغا پۇل ئامانەت قويىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشىنى ناﻫايىتى تېجەشلىك ئۆتكۈزىدۇ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشتا دائىم ئېتىبار باﻫادىكى تاۋارلارنى سېتىۋالىدۇ، خىزمەتتە ئەرزان باﻫالىق قولايلىق تاماق يەيدۇ. بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ئۇلار كىرىمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بانكىغا ئامانەت قويىدۇ. 1987- يىلى، ئۇلار 1 مىڭ 250 ئامېرىكا دوللىرىنى ئورتاق فوندقا مەبلەغ قىلىپ سالىدۇ، 8 يىلدىن كېيىن ئۇلار مىليونىرغا ئايلىنىدۇ.
3. ﻫەر قانچە قىينالسىمۇ قەرز ئالماسلىق. نۆۋەتتە ئىناۋەت كارتىسى شىركەتلىرىنىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى يېڭىدىن- يېڭى خېرىدارلارنى ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىۋاتىدۇ. بانكا بولسا ئولتۇراق جاي رەنىلىك قەرز پۇل كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ خىل ئەﻫۋالدا ناﻫايىتى ئاسانلا ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدۇ، نەتىجىدە ئۆزى ئالغان قەرزگە خېلى كۆپ مىقداردا ئۆسۈم تۆلەيدۇ. ئامېرىكىدىكى مىليونىرلارنىڭ 70 پىرسەنتىنىڭ دېگۈدەك قەرزى يوق، چۈنكى ئۇلار ئۆسۈم ئۈچۈن بىر ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلسا، مەبلەغ قىلىپ سالىدىغان پۇلىنىڭ بىر ئامېرىكا دوللىرى كەملەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆي پۇلىنى تۆلەپ ئېشىنالىغاندا ئاندىن ئۆي سېتىۋالىدۇ.
4. ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش. ئۆز- ئۆزىگە خوجايىن بولغان كىشىنىڭ مىليونېر بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى مائاشلىقلار قاتلىمىنىڭكىدىن 4 ﻫەسسە يۇقىرى بولىدۇ. مائاشلىقلار قاتلىمىنىڭ كىرىمىنى ياللىغۇچىنىڭ قانچىلىك مائاش بېرىشى بەلگىلەيدۇ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچى دانا، چېۋەر بولسا چوقۇم ئىگىلىكىنى زور دەرىجىدە يۈكسەلدۈرەلەيدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ.
5. ئۇزاق مەزگىلگىچە كۈتۈش. بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم يېتەرلىك سەۋر- تاقەت بولۇش، قىسقا مەزگىللىك پايدىغا ئېزىقىپ كەتمەي، مۈلۈكنى چىڭ ساقلاش كېرەك. مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ باش لېدىرى بىل گايتىسنىڭ دۇنيادىكى چوڭ بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالىشىغا دەل ئۇنىڭ قىسقا مەزگىللىك پايدىنىڭ ئېزىقتۇرىشىغا بوي سۇنماي، مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ پاي ﻫوقۇقىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى سەۋەپ بولغان. كۆپ قىسىم مەبلەغ سالغۇچى باي بولۇش يولىغا قەدەم باسقان چېغىدا بايلىقى ئانچە كۆپ بولمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئۇزاق مەزگىللىك كۈتۈش، ئۆز مەبلىغىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش يۆنۈلىشىنى توغرا تاللاش ئارقىلىقلا باي بولالىغان. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندا ﻫەر قانداق بىر كىشىنىڭ باي بولالىشى تامامەن مۇمكىن.
6. خىزمەت بىلەن تۇرمۇش ئازادىلىكىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش. مەبلەغ سېلىشتا بەلگىلىك پۇل تېپىش قائىدىسى بولىدۇ، ئەمما، بايلارنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى كاسساتچىلىق ۋەزىيىتىدىن ئۆتۈۋېلىشتا بەلگىلىك ئامالى بار. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە، بايلارنىڭ كۆپ قىسمى كورت ئويناشقا ئۇستا كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناﻫايىتى تەرتىپلىك، نىكاﻫ تۇرمۇشى مۇقىم بولىدىكەن. باي بولۇش ئىرادىسىگە كەلگەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇش پوزىتسىيىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ باقسا بولىدۇ.
7. جۈرئەتلىك بولۇش. بايلارنىڭ ﻫەرىكەت ئەندىزىسى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن پەرقلىنىدۇ، ئۇلار دائىم دېگۈدەك ئىجتىمائىي ئادەتكە خىلاپ كېلىدىغان، باشقىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ. ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش كارخانىسى فورمانى قۇرغۇچى سام ئوردۇن دائىم دېگۈدەك بازار باﻫاسىنى قالايمىقان قىلىۋېتىدىكەن؛ پۇرسەت كېلىپلا قالىدىغان بولسا، مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ مال تەمىنلەش باﻫاسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرىۋالىدىكەن. شۇڭا مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ ﻫەممىسى فورما بىلەن سودا قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىشىدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ناﻫايىتى بەك رەﻫىمدىل بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى باي بولۇش چۈشىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved