ئامېرىكا ‹‹ نىيويورك ۋاقىت گېزىتى ›› نىڭ 9-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گىۋاتېمالادا ‹‹ بالا توي ›› ئۆرپ-ئادىتى كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، قانۇن بويىچە قىزلار 14 ياشقا كىرگەندە توي قىلسا بولىدىكەن. ئەمما بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى پېتىن ئۆلكىسىدە بۇ قانۇننىڭ ھېچقانچە كۈچى يوق بولۇپ، 11 ياشلىق ھامىلدار قىزلارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە، پۈتۈن دۇنيادىكى 50 تىن ئارتۇق دۆلەتتە ‹‹ بالا توي ›› ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ چەت يېزىلىرىدا بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن. ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، گىۋاتېمالانىڭ يېزىلىرىدا تەخمىنەن %53 ئايال 18 يېشىدىن بۇرۇن توي قىلغان. %13 ى 15 ياشقا توشماي تۇرۇپلا توي قىلغان ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇمىغا يەتمىگەن كېلىنچەكلەر ئاساسەن بەختسىز ۋە بىتەلەي بولۇپ، كىچىكىدىلا ئوقۇشتىن قالغان، بۇ بالىلار ئائىلە زوراۋانلىقى ۋە جىنسىي خورلۇق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا خەۋپ-خەتەرگە قارىماي ھامىلدار بولۇپ بالىلىق بولىدىكەن. ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە، بۇ ‹‹بالا كېلىنچەكلەر›› پەقەت ئۆي چاكىرى ياكى جىنسىي قۇل ئىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت، جسىمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى كىچىكلىك سەۋەبىدىن، بۇ كىچىك ئانىلار تۇغۇتتا ئاسانلا ھەرخىل ئەگەشمە كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىكەن. دوختۇرخانىغا بېرىپ بالا تۇغۇشقا قۇربى يەتمىگەچكە، تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن. خەلقئارا ساغلاملىق بىرلەشمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، پېتىندىكى ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىش نېسبىتى گىۋاتېمالا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە 172 ئادەم تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىدىكەن، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %4 ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved