ئاپتورى-تەپەككۇر (ئۈندىدار tepeqqur)
مەمەتقوغۇننىڭ ھىكايىسى
مۇقەددىمە:ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن
ئادەمنىڭ ئۆمۈرى ناھايىتى چەكلىك بولىدۇ.شۇ چەكلىك ئۆمۈرنىڭ ئالدىنقى بىكىتى بولغان،تا كۆز يۇمغۇچە سېغىنىشقا سەۋەب بولىدىغان گۈزەل ئەسلىمىلىك بالىلىق دەۋىردە،سىز ياشاپ باققانغۇ دەيمەن،بەلكىم سىز شۇ پەيتلەردىكى چەكسىز شىرىن خىيال،قىزىقىش ئىلىكىدىكى بىغەم بالا،ۋەياكى ياشلىقنىڭ ئارزۇ،ئىستەكلىرىگە تولغان،مۇھاببەتتە ئاز تولا داۋالغۇشلارغا ئۇچىرىغان شۇڭقار،ۋە ھەم سىز قىرانلىققا تولغان،ئوتتۇرا ياش،ئىسسىق سوغۇقنى كۆپ كۆرگەن،جەمئىيەتۋە تۇرمۇشنىڭ ئوقۇبەتلىرىنى يېڭىۋاتقان تەڭرىتاغ بۈركۈتىدۇرسىز.ھەئە ھەممەيلەننىڭ شۇنداق تاتلىق بىر چاغلىرىمىز ئۆتكەن غەمسىز.تۇرمۇشنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچىرىغان پېقىرمۇ،پۇتۇمنى ئالماپ،ياستۇقنى قىرلاپ،قولۇمنىڭ ئۈستىگە بېشىمنى قويۇپ شۇ تاتلىق دەملەرگە كىتىمەن.خوش شۇ پەيتلىرىمىزنى ئەسلەش،بىر پەس بولسىمۇ خۇشھال تۇرۇش،چوڭقۇر ئوي-پىكىرلىك مەنالارنى بىرلىكتە ئىزدەش ئۈچۈن بۇ ئەسەرنى يېزىشقا تەرەددۈت قىلدىم.ئەلۋەتتە خىزمەت ئالدىراش،بىۋاستە يانفۇندىلا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن كۆپ نوقسانلاردىن خالى ئەمەسمەن.كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇۋاپىق بولغان تەنقىدى-پىكىر بىرىشىنى سورايمەن.ھۆرمەت بىلەن-تەپەككۇر
ھېلىقى ئاغىنەم باتىغۇ،ئشتىك
جۇغرىدىغان.شۇنىڭ ئەسلى ئىسمى قۇربان.بىز ئۇنى ئادەتتە قۇۋان ساچقان(چاشقان) دەپ تولايمىز.يازلىق تەتىل ۋە ئارام كۈنلىرىدە، مۇسا ماڭقا،مەمەتقوغۇن،يۈسۈپ كاۋا،ئۇرايىم شۇڭقا ... قاتارلىق بەش-ئالتە ،تەڭ دىمەتلىك باللا بىلەن مەھەللە باغلىرىنى ((چارلاپ))قوياتتۇق.ئارمىزدىكى ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ((ھۆنەرلىرىمىز ))بولۇپ، شۇنىڭغا خاس مەنسەپ،ۋەزىپىللىرىمىزمۇ بار ئىدى.قۇۋان بەك ئشتىك يۈگىردىغان بوغاچقا -ساچقان دىگەن نامغا مۇشەررەپ بولاش بىلەن بىرگە،باغنىڭ كۈزەتچىلىكىنى قىلاتتى،مۇسا بوسا بىزنىڭ ((كوزۇر))رىمىزتى.باغنىڭ ئىشىك تەرىپىدە ئۇنى قالدۇرۇپ قويۇپ،يانا بىژ تەرىپىدە بىخارامان مىۋە يىغاتتۇقدە،باغ ئىگىسى كىلىپ قاغان ھامان دەرھال مۇسا قەستەن تۇتۇلۇپ بىرەتتى،باغۋەن تەنبىھ بېرىپ،ئېڭىكىنى ئانچە-مۇنچە ((ئەركىلىتىپ))قوياتتى،مۇسا بولسا ماڭقىسىنى ئېقىتىپ بىر يىغلىغىنى چۈشسە ئالەمنى-مالەم قىلىۋىتەتتى دە-،باغۋەننىڭ رەھىمى كىلىپ قوياپ بىرەتتى.ئۇنڭغىچە بىز ئاللىبۇرۇن((بازىغا)) قايتىپ،ئۇنىڭ نىسىۋىسنى ئېپ قويتۇق.بۇ ھىكايىمىزنى باش قەھرىمانى مەمەتقوغۇننىڭ (ئەسلى ئىسمى-مەمەتتۇرغۇن)تەرجىماھالىغا كەلسەك،ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئاقىسقا قوغۇن ئاتالغۇسىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشىدا ،مۇنداق بىر رىۋايەت بار.بىر ژىلنىسى مەھەللىمىزدە بىز ((چارلىمىغان))بىرمۇ باغ قاممىدى.زىركىپ يەنى جىجىلاپ ،كونا(( كەسپىمىزنى)) سېغىنىپ،قارت ئويناپ ئوتتاساق،مەمەت : باللا بىزنىڭ ئۆينىڭ ئاقىستىكى شىككىمو يە باغۇ؟شۈۋەگە تاۋۇز ،قوغۇن تېرىغان،چىرىپ تاۋۇز،قوغۇنلادىن بىرەدىن مەززە قىپ چىقمايلىما؟.دىدى پەخىرلىنەرلىك بىلەن.
ئۇندا دىگەنۋىلەن ،داداڭنىڭ ئاچچىغى يامان،تۇتۋېلىپ قاسا ئىشتىڭغا تالىتىۋىتەمىكى ھېلە ،ھەقاسىڭ قاچقان بىلەن،تايىقىنى مەن يەپ بىرەمە.
دىدى مۇسا،ماڭقىسىنى شورتتىنا بىرنى تارتىۋىتىپ،
ھې كۆك ماڭقا سەن جىم ئوتتۇراپ،بۇرۇلغان ئىشنى قىل،باكا بۇنىڭنى چۇۋۋىتىمە،
ساچقان(قۇرباننى دىمەكچى) ئۇرايىم شۇڭقا،يۈسۈپ كاۋا ھەممىڭلا تەيياما؟
دىدىم. باشلىقلاغا خاس سالاپەتلىك تۈستە:
تەييا باشلىق !سەن نەگە دىسەڭ ،شۈۋەگە.ئوتقا دىسەڭ ئوتقا،سۇغا دىسەڭ سۇغا چىرىمىز !!!
ھە ياخشى باللا ،ئەمسى بۈگەنكى چۈشلۈك ((زىياپەت))مەمەتنىڭ بېغىدا.ئېسڭلادا بوسون،نىمە ئىش بولىشىدىن قەتتى نەزەر،بۇيرۇقىمغا بويسۇنۇسىلە.خىلاپلىق قىلغۇچىلانى تامغا قايلىتىپ قوياپ شاپاق ئاتىمىز،ئايرىم ھەركەت قىلغاندا قائىدە بويىنچە : دەپ تۇرشىمغا
تۇتۇلۇپ قالساق،يىغلاپ گۇناھىمىزنى تىلەيمىز!!!
دىدى ھەممەيلەن.
شۇنداق قىلىپ بىز باغنىڭ ئاقىستىكى سۇ كىرىدىغان سۈڭگۈچ تەرىپىگەئۆتتۇق.قۇۋان سۈڭگۈچتىن كىرىپ كۈزتىۋىتىپ ،باغنىڭ ئادەم كۆمەيدىغان،ئەپلىك بىر يېرىدە ،ئۆزى ياسىۋالغان پۈشتەكنى قۇشلارنىڭكىدەك پاسوندا چالدى. كۇك-كۇك-كۇك ... ئاندىن سۆگەت تاللىردىن چەمبىرەك ياساپ بېشىمىزغا كەيگەن ھالەتتە سۈڭگۈچتىن ئەپچىللىك بىلەن شۇڭغۇپ ئۆتۈپ ئېرىقنى بويلاپ ئۆمىلەپ مېڭىۋەدۇق،ئۆمىلەۋاتقانلانىڭ ئالدىدكى يۈسۈپ كاۋىنىڭ:
ئىننەڭنى قوڭىغا كۆتەن چىقىپ قالا خۇدايىم،ئېرىققىمۇ ئوتتۇراپ قويامدا ...
دىگەن قاقشاشلىرى ئاڭلاندى.قارىغاندا ئۇ سەسكەنگۈدەك بىرەر نەرسە تۇتۇق سالغاندەك قىلاتتى.
مەن ئۆيگە چىقىپ تۆمۈ قوشۇق ئېچچىرەي
دەپ مەمەت ئۆيى تەرەپكە كەتتى.
بىردەمدىن كىيىن بەش -ئالتىدەك قوشۇق ئەكەپتۇ.ھەممەيلەن ھەيراق قېلىپ ئۇنىڭغا قايلاپ تۇرۇپ قالدۇق،
باللا مۇيىندا قىمماي ئامال بوممىدى،دادام بىلىپ قالسا ئىش چاتاق.تاۋۇز لانى پىلەكتىن ئۈزمەيلام،قوشۇقنى بىر پاتۇرۇپ تۇرۇپ پىقىراتساڭلا،يۇمۇلاق ئويۇلاپ چىقىدا،ئەندىن شۇ پىتىلام ،ئوياپ-ئوياپ يەپ بولاپ،ھېلىقى پارچىسىنى ئورنىغا سېپ قويساق تامام،ھەقىچان دادام ساناپ قويدى تاۋۇزلانى.
ما گۇينىڭ ئەقللىقلىقىنى قايلىمامدىغان،تۆۋە دىيىشىپ ھەممەيلەن،بىژ ئىككىدىن تاۋۇزنى پىلىكىدىن ئۈزمەيلام،مەززە قىلىۋىتىپ چىقىپ كەتتۇق.ئىشلار ناھايىتى پاكىز رەتلىك بولدى،ئۇرۇقمۇ يىغىۋېلىنىپ كاۋاك تاۋۇز،قوغۇنلارنىڭ ئىچىگە سېلىۋىتىلدى.ئىزىمىزنى بولسا.باغدىكى ھۆل سۈپۈرگىدىن بىرنى يۇلۇپلا سۈپۈرۈپ ،يوقىتىپ ماڭدۇق.شۇنداق قىلىپ ئىككى مو يەدىكى ئانارنىڭ ئارلىقىغا تېرىلغان،تاۋۇز،قوغۇن قاتالىق پىلەك غوللۇق مىۋىلەردىن بىرسىمۇ بىزنىڭ خاسىيەتىك قوشۇقىمىزنىڭ ئىلتىپاتىدىن مەھرۇم قالمىدى.نەچچە كۈن دەردىمىزگە دەرمان بولغان،بۇ ھەر خىل مىۋە،گۈل چىچەكلەرگە تولغان گۈزەل باغنىڭ شاھزادىسى مەمەتكە،مەھەللىدىكى باللانى يىغىپلا شۇ كۈندىكى ئىشىغا،ئىسمىغا يارىشا ((قوغۇن))دىگەن شەرەپلىك نامنى تەغدىم قىلىپ تەبرىكلىدۇق.
ئەتىسى مەمەتقوغۇننىڭ چىرايىدا ئاخشامقى خوشاللىقنىڭ ئىزنالىرىدىن ئەسەرمۇ قاممىغان ئىدى.نىم بوغىننى سورىساق :
بايام دادام باغدىن تاۋۇز ئېپچىق ئۇسساپ كەتتىم،دەپتى ماقۇل دەپ.ئەندىكىپ ،باغقا چىرىپ پۈتۈن تاۋۇنى قېزىۋەتسەم.ھەممسى يىنىك،بىز يەپ كاۋاك قىلىۋەتكەن تاۋۇزلا چىقتى.ئامما خوشۋوغۇنۇم نەچچە كۈن بوغانۋىلەن.بۇ ((شاپاق))لارشۇ پىتى تۇرۇپتۇ،قۇرۇماپتۇ.ئاندىن دادام چىرىپ قېلىپ:
مەمەت تېخىچە قايلاپ تۇرپسەنغۇ تاۋۇز قەنى ؟دەپلا، يوغان بىژ تاۋۇزغا پىچاق ئۇرماسمۇ....ئەيھانناس ۋاككىنا ئاجاپ كاۋاك چىقتى.دادام بىر قايلاپتى خىجىل بولاپ قىزىرىپ،تاتىرىپ،كۆكۈرۈپ،ئاقىرىپ ... جاھاندا با رەڭنىڭ ھەممىسى بولاپ كەتتىم.ئارقىدىن 2-،3-،4-... تاۋۇزلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق كۈنگە قالدى.ئاچچىقىدا بىر تاۋۇزنىڭ تۆپىگە بىژ دەسسەپتى...
دەپ ئىسەدەپ كەتتى،مەمەتقوغۇن
ھە ئاندىن قايداۋولدى؟بولە تىز دىيە؟
دەپ ئالدىرتىپ كىتشتۇق.ئۇ مۇساغا شۇنداق سەت قايلىۋىتىپ گىپىنى داۋام قىلدى:
دادامنىڭ پۇتى شۇ تاۋۇزنىڭ ئىچىدىكى لىققىنا نىجاسەتكە تىقىلىپ كەتتى.ئاياق،ئىشتان كىيىملىرى بۇلغىنىپ قارىغۇسىز بوپ كەتتى.دادام ئەتتىگەننىڭزى مىنى قوغلاپ باغنى تۆت ئايلاندۇدى
ئەمدى بۈگەن ئۆيگە چىرەلمەيمەن....
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان مۇسا لاغ-لاغ تىتىرەپ تۇرۇپ:
ئەغىنىلە مەڭىمۇ ئامال يوق،شۇندا قىمماي بوممىدى،مەمەتنىڭ خالاسى ھويلا تەرەپتە تۇسا ...
گىپىنى تۈگەتمەيلا تىكىۋەتكەن مۇسانى ،تۇتۇش بۇيرىقى چىقاردىم:
ما ئېشەك گۇينى تۇتۇپ ئالدىمغا ئېپ كىلىش چىم بالدۇ تۇتۇپ كەسە ،دوقمۇشتىكى ھابلاجاندىن قوغۇن بىڭگور(冰棍)
ئەپ بىرمە!!!!!
بالىلارئۆرە تۆپۈر بولۇشۇپ... تەلىيى كاج مۇسانى قوغلاپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ،بىر مەلىدىكى ساۋاقداش، دوس ئاغىنىلەنىڭ،نەچچە كۈنلۈك قىسسەسى ۋە مەمەتقوغۇننىڭ ھېكايىسى تۈگىگەن بولدى.
داۋامى بار....
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved