ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى 14-يانۋار يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ. 2016-يىل 14-يانۋار سائەت 00:00 دىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى 93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 0.12 يۈەن چۈشۈپ، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ھەر لىتىر بېنزىننىڭ باھاسى 5.30 يۈەن بولىدىكەن.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 13-يانۋاردىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن 14-يانۋار سائەت 00:00 دىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى پارچە سېتىلىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغان بېنزىن، دېزىل مېيىنىڭ ھەر توننىسى ئايرىم ھالدا 140 يۈەن ۋە 135 چۈشىدىكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا 90-نومۇرلۇق بېنزىن ۋە 0-نومۇرلۇق دېزىلنىڭ ھەر لىتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 0.10 يۈەن ۋە 0.11 يۈەن چۈشىدىكەن.
ماي باھاسىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى نومۇرلۇق تەييار ماي باھاسىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزگىرىش بولىدىكەن.93-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئەسلىدىكى 5.42 يۈەندىن 5.30 يۈەنگە چۈشىدىكەن؛ 97-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئەسلىدىكى 5.86 يۈەندىن 5.74 يۈەنگە چۈشىدىكەن؛ 0-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتلىش باھاسى ئەسلىدىكى 4.98 يۈەندىن 4.86 يۈەنگە چۈشىدىكەن؛ (20-)-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتلىش باھاسى ئەسلىدىكى 5.46 يۈەندىن 5.34 يۈەنگە چۈشىدىكەن؛(35-)-نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى ئەسلىدىكى 5.54 يۈەندىن 5.41 يۈەنگە چۈشىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved