خەلقئارا نېفىت باھاسى 20-يانۋار شىددەت بىلەن %7كە يېقىن چۈشتى، بۇ يىل كىرگەن دىن بۇيان خەلقئارا نېفىت باھاسى تۈز سىزىق بىلەن تۆتتىن بىرىچىلىك چۈشتى. 20-يانۋار نيۇيورك خەلقئارا خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى ھەر باكى 27 ئامېرىكا دوللىرىدىن چۈشۈپ، 13 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى.
20-ماي بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك تاۋار بېرژىسىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان يېنىك سۈپەتلىك خام نېفىت قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى %6.7 تۆۋەنلەپ، 1.91 ئامېرىكا چۈشتى، ھەر باكى 26.55 ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۇمۇ 2003-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھا ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا خام نېفىت قەرەللىك مېلى باھاسى %28 چۈشۈپ كەتتى.
20-يانۋار، دۇنيا نېفىت ئۆلچەملىك باھاسى بولغان لوندون برېنت خام نېفىتى بۇ يىل 3-ئايدا مال تاپشۇرىدىغان قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى %3.1 چۈشۈپ، ھەر باكى 27.88 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بازار يېپىلدى. بۇ 2003-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھا.
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى 19-يانۋار ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كېلەچىكى تەسىرىدىن، دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرى زىيادە تەمىنلەش مىقدارى پاتقىقىغا پېتىپ قالىدىغانلىقىنى، 2016-يىلى تېخىمۇ چاتاق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا نېفىت باھاسى %25دىن كۆپرەك چۈشۈپ كەتتى، ئەمما دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا نېفىت قېدىرىش ۋە خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى نېفىت باھاسى ئۇدا چۈشۈپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتتە، خام نېفىت بازىرىدىكى تەمىنلەش زىيادە بولۇش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى.
![]() |
بازار تەمىنلەش ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولۇشتىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، نيۇيورك نېفىت باھاسى 19-يانۋار داۋاملىق تۆۋەنلىدى.
19-يانۋار بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك تاۋار بېرژىسىنىڭ 2016-يىلى 2-ئايدا مال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved