ئەنگلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا سان فىرانسىسكوغا جايلاشقان OMsignal ناملىق بىر شىركەت يېقىندا تەنھەركەت ئىچ كىيىمى ئارقىلىق ئابونتلارنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرەلەيدىغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى تاقىما (يەنە تاقىغىلى ياكى كىيىۋالغىلى بولىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىنى كۆرسىتىدۇ) ئۈسكۈنىنى ياساپ چىققان. OMbra ناملىق بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىچ كىيىم بۇ خىل كىيىمنى كىيگۈچىلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلەپ، ئاندىن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئابونتلارنىڭ iOS ئۈسكۈنىسىگە ئەۋەتىپ بېرەلەيدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىچ كىيىم 150 ئامېرىكا دوللىرىدىن زاكاز قىلىنماقتا. بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىچ كىيىمگە بىر قېتىم توك قاچىلاپ قويغاندا، 10 قېتىم بەدەن چېنىقتۇرۇشقا يېتىدىكەن.
OMbra ناملىق بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىچ كىيىمگە ناھايىتى سەزگۈر بولغان سېنزور سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ خىل سېنزور كىشىلەرنىڭ قايسى چاغدا بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىملىقىنى، قايسى چاغدا مۇۋاپىق دەم ئالسا بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيدىكەن. OMbra ناملىق بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىچ كىيىم يەنە ئابونتلار تېنىدىكى مەركىزىي ھەركەتلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئابونتلارنىڭ ئۆز بەدىنى چىقارغان سېگناللارنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرەلەيدىكەن. بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىچ كىيىم ئابونتلارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى ئۆلچەش ۋە خاتىرىلەش، يۈرەك رېتىمىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە نەپەس ئېلىش رېتىمىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى بىخەتەر ھالەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرەلەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved