جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 18-مارت چۈشتىن بۇرۇن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى سۇلۇ ئۆلكىسىدە ئەبۇسايىف قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن كەسكىن ئۇرۇش قىلغان، ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 8 ئادەم ئۆلگەن.
بىر ھەپتە ئىلگىرى، ئەبۇسايىف قوراللىق تەشكىلاتى تور ئارقىلىق ۋېدىئو ئېلان قىلىپ، تۇتقۇن قىلىۋالغان 3 چەتئەللىكنى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز دەپ تەھدىت سېلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ۋېدىئودا فىلىپپىن ھۆكۈمىتىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىشنى مەجبۇرلىدى. فىلىپپىن پرېزىدېنت مەھكىمىسى فىلىپپىن دائىرلىرىنىڭ بۇ تەشكىلات بىلەن سۆھبەتلەشمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ساقچىلارنىڭ بۇ 3 تۇتقۇننى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئېيتتى.
فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ سۇلۇ ئۆلكىسىدىكى بىرلەشمە ئالاھىدە قىسىمىنىڭ كوماندىرى ئارىيادو 18-مارت دېيىشىچە، فىلىپپىن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 10-پىيادىلەر باتالىيونى سۇلۇ ئۆلكىسى پاتىكۇر بازىرىدىكى بىر كەنتتە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، ئەبۇسايىف قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ تەخمىنەن 100 قوراللىق خادىمى بىلەن ئېتىشقان، شىددەتلىك ئېتىشىش بىر سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشقان. ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەبۇسايىفنىڭ 7 ئادىمىنى ئېتىۋەتكەن، 6 ئادىمىنى يارىدار قىلغان؛ فىلىپپىن ئارمىيەسىدىن 1 ئەسكەر ئۆلگەن، 16 ئەسكەر يارىدار بولغان. فىلىپپىن ئارمىيەسى يارىدارلارنى قوراللىق ئېتىشىش رايونىدىن چېكىندۈرۈپ چىققان ھەمدە ئەسكەر كۆپەيتىپ ئەبۇسايىف تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرىنى قورشاپ يوقىتىشنى تېزلەتكەن.
فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ دېيىشىچە، ئەبۇسايىف قوراللىقلىرىنىڭ ئاتامانى رادۇللان ساھىرونمۇ 18-مارتتىكى ئېتىشىشتا يارىدار بولغان. ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى ساھىروننى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 1 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىنئام بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە تەخمىنەن 100 ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved