رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 20-دېكابىر موسكۋادا مۇنداق دېدى: ھەر قانداق كىشى رۇسىيەنى يېتىم قالدۇرالمايدۇ، رۇسىيە ھەر ۋاقىت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇقىملىقى ۋە جەمئىيىتىنىڭ بىرلىكى يولۇقۇۋاتقان تەھدىتكە مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ.
پۇتىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا ۋەزىيىتى مۇقىم ئەمەس، تەھدىت ۋە خەۋپ ئۆزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، خەلقئارا قانۇنغا سەل قاراش، ئېغۋاگەرچىلىك قىلىش، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر بېسىمى ئىشلىتىش، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ۋە مىللەتچى تەشكىلاتلارغا دىققەت قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش ھەمدە بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل دۆلەتنى كونترول قىلىشتەك ناچار ھەرىكەتلەر كۆرۈلمەكتە.
ئۇ، بارلىق بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ئورگانلارنى تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك، مىللەتچىلىك ۋە چەتكە قېقىشقا زەربە بېرىش جەھەتتە ماسلىشىشقا چاقىردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved