ئېبولا ۋىروسىنىڭ يەرشارىغا ئېلىپ كەلگەن تەھدىتى زادى قانچىلىك

بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېقىندا تارقاتقان سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4000 دىن ئاشقان، يۇقۇملانغانلار 8000 دىن ئاشقان، غەربىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىرلاشقان. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى جاكارلىدى. غەربىي ئافرىقىدا تارقالغان ئېبولا ۋىرىسىنىڭ شىددەت بىلەن تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر ئېبولا ۋىرۇسىغا قارىتا كۈچەيتىش تەدبىرىلىرىنى يولغا قويماقتا.

 

ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ غەربىي ئافرىقىدا تارقىلىش سۈرئىتى شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %70 ئاساسەن دېگۈدەك داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلماقتا. ئەنگلىيە BBC ئاگىنتلىقىنىڭ 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇپ. ئېبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەت لېبىرىيە، گانا ۋە سېرالىئون قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە لېبىرىيەدىلا يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر 2316، يۇقۇملانغانلار 4076 گە يەتكەن. بۇ سان يەنىمۇ كۆپەيمەكتە.

 

ئىبۇلا ۋىرۇسى يۇقۇمى بۇ يىل 2-ئايدا گىۋېنىيەدە پارتلىغاندىن بۇيان، ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ لېبىرىيە، سېررالىئون ۋە نىگېرىيە قاتارلىق غەربىي ئافرىقا ئەللىرىگە تارقالدى. بۇ قېتىملىقى بولسا 1976-يىل بۇ ۋىرۇس كونگودا تۇنجى قېتىم پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېبولا ۋىرۇسى تۇنجى بولۇپ 1976-يىلى بايقالغان بولۇپ، «ئېبولا» دېگەن بۇ نام بولسا كونگو دېموكراتىك جومھۇرىيىتى (يەنى بۇرۇنقى زايىر) دىكى ئېبولا دەرياسىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن.
ئېبۇلا ۋىرۇسى يۇقۇم دائىرىسى 1-قېتىم غەربىي ئافرىقىنىڭ ئورمانلىقى ۋە كەنتلىرىدىن تېشىپ چىقىپ، چوڭ شەھەرلەردىكى نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قاراپ تارقىلىشقا باشلىغان.ۋىرۇس يۇقۇمى ئېغىر بولغان بۇ جايلاردا قەرەللىك ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار يەر شارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ ‏-پۇچقاقلىرىغا ئۇچۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئاللىقاچان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن غەرب دۇنياسىغا تارقىلىپ بولغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ خىل كېسەللىك بەلكىم دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم دۆلەتلەرگە يامراپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.

ئۆتكەن ئاينىڭ 20-كۈنى لېبىرىيە ھۆكۈمىتى خىزمەتچىسى پاترىك ساۋيېر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ نىگېرىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن مۇشۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتتى. بۇ دېلو كىشىلەرگە ئىبۇلا ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپا ھەتتا پۈتكۈل يەر شارىغا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى، نىگېرىيە سەھىيە تارماقلىرى ھازىر مۇشۇ خىل ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرۈش ئېھتىماللىقى بار بولغان 30 مىڭ كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا. بۇرۇن كېنىيەگە ساياھەتكە چىققان بىر ئايال شياڭگاڭغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ھازىر شياڭگاڭ ئېلىزابېت دوختۇرخانىسىدا ئايرىم داۋالىنىۋېتىپتۇ. 10-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئېبولا ۋىرۇسى بېمارلىرى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىردىمۇ پەيدا بولغان.
ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىماردا دەسلەپتە زۇكام، قىزىش، بېشى قېيىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئامېرىكا لانكاست ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دېرېك گاسېرېر دوكتور مۇنداق دېدى، ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشى ئاز دېگەندە يەنە ئىككى كىشىنى يۇقۇملاندۇرىدىكەن. شۇ خىل بىمار بىلەن بىر ئايروپىلانغا چىققان كىشىلەر ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدىكەن، بۇ خىل ۋىرۇس تۈكۈرۈك، تەر، ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىكەن.


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېبۇلا ۋىرۇسىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش باياناتىدا يەنە دۆلەتلەرنى ۋىرۇسقا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىپ ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىدا خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرگە بىردەك ۋىرۇس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش، قىزىتمىغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان جىددىي كارانتىن قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش ۋە يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يوشۇرماسلىققا، ۋىرۇسنىڭ ئەڭ كىچىك دائىرىدە كونترول قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى.شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى كونترول قىلىنغۇچە ئارىلىقتا چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق يىغىلىشلارنى، پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئوخشاش ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا چاقىردى. بۇ ئەيدىس كېسىلدىن كېيىنكى خەۋىپى ئەڭ زور، تارقىلىشى ئەيدىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە يامان بولغان ۋىرۇس بولۇپ، ھازىر پۈتۈن دۇنيا زور كۈچ بىلەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توساشقا تىرىشماقتا.

 

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈنى غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتتە ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئاللىقاچان 1145 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى ئېيتقان. مەزكۇر تەشكىلات يەنە يېڭىدىن بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان ياكى مۇشۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دېئاگنوز قويۇلغان بىمارلاردىن 152 كىشىنىڭ كۆپەيگەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش كۆلىمىنى ئېغىر ھالدا تۆۋەن پەرەز قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە غەربىي ئافرىقىدا تارقالغان ئېبولا ۋىرۇسى گېۋىنىيە، لىبىرىيە، نېگىرىيە ۋە سېررالىئوندىن ئىبارەت دۆلەتلەردىكى 1145 كىشىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئاللىقاچان 2000 دىن ئارتۇق كىشى بۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانئېبولا ۋىرۇسى يالغۇز ئىنسانلارغىلا يۇقمىغان، پەرەزلەرگە قارىغاندا ئافرىقىدىكى %45تىن ئارتۇق شىمپەنزىلەرنىڭ بۇ ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش ئىھتىماللىقى بارئىكەن .

2شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئاق ساراي، تېكساس شىتاتىدا بىر سېستىراغا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن ئامېرىكىدا ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.جۇڭگو غەربىي ئافرىقا رايونىدىكى ئېبولا يۇقۇمىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەممىدىن بۇرۇن ياردەم قولىنى سۇنۇپ، غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبولا يۇقۇمى بولغان دۆلەتلەرگە 234 مىليون يۈەن ياردەم بەردى، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ئايرىم ئايرىم ئىككى مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ياردەم قىلدى ھەمدە 200 داۋالاش خادىمىنى غەربىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرگە ئەۋەتتى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئىتالىيەدە ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا: جۇڭگو غەربىي ئافرىقىدىكى يۇقۇم رايونىغا يېڭىدىن ئاز دېگەندىمۇ يۈز مىليون يۈەن ياردەم بېرىدۇ يەنە ئون نەچچە مۇتەخەسسىس ئەۋەتىدۇ دەپ جاكارلىدى.

ئافرىقا تاراتقۇلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ياردىمىگە يۇقىرى باھا بەردى. پۈتۈن ئافرىقىدىكى تور ۋە گېزىتلەردە ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش دۇنياۋى ھەرىكىتىدە جۇڭگو باشتىن ئاخىر ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى نەق پۇل ۋە ئەشيا ياردىمى بېرىپلا قالماستىن، يەنە جىددىي كېرەكلىك، ئەڭ قىممەتلىك بولغان ئادەم كۈچى بايلىقى بىلەن تەمىنلىدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى گەرچە ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن قېرىندىشى جۇڭگونىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.

بۇ جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ دوستلىقىنىڭ ئىسپاتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ نامايەندىسى.بېيجىڭ ئازادلىق ئارمىيە 302-دوختۇرخانىسىدىكى 30 نەپەر دوختۇر-سىستېرادىن تەشكىللەنگەن ئازادلىق ئارمىيە سېررالېئونغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى بىر ئاي ئىلگىرى غەربىي ئافرىقا دۆلىتى سېررالېئوننىڭ پايتەختى فىرېتوۋنغا كېلىپ ، ئېبولا ۋىرۇسىغا زەربە بېرىش كۈرىشىگە ئاتلاندى . فىرېتوۋننىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو-سېررالېئون دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ ئېبولا بىمارلىرىنى كۆزىتىش مەركىزى 1-ئۆكتەبىر رەسمىي ئىشقا كىرىشىپ ، داۋالاش ئەترىتى بىمار قوبۇل قىلىشنى باشلىدى . ‹‹داۋالاش خادىملىرىغا ۋىرۇس يۇقتۇرماسلىق ، بىمارلار ئارىسىدىمۇ ۋىرۇس ئۆتۈشتۈرمەسلىك داۋالاش ئەترىتى خىزمىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ۋە ‹قىزىل سىزىقى› ›› دېدى ، داۋالاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى جىڭ . داۋالاش ئەترىتى بىر ئايدىن بۇيان غەربىي ئافرىقىنىڭ ناتونۇش مۇھىتى ، ناچار شارائىتى ۋە ئۈزلۈكسىز تۈردە يامراۋاتقان ۋىرۇسقا قارىتا مۇداپىئە مەشىقى ۋە بىمارلارغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ئېبولا ۋىرۇسىغا تىرىشىپ زەربە بېرىپ كەلمەكتە .

 

ئېبولا ۋىرۇسى ئافرىقىدىن ھالقىپ ياۋروپا ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. بۇ يىل مارتتىن بۇيان، بۇ ۋىرۇس ئافرىقىدا 4500دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، لېكىن ياۋروپا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە يېقىندا ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالدى، بۇ خىل جانغا زامىن بولىدىغان ۋىرۇس ئاندىن خەلقئارا جەمئىيەت بولۇپمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى.ئامېرىكىدا يېقىندا ئۈچەيلەننىڭ ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى جەزملەشتۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە دەرھال «مەيلى نېمە بولسا بولمامدۇ» دېيىشنىڭ ئورنىنى «ناھايىتى قورقۇۋاتىمەن» دېيىش ئالدى.

خەلقنىڭ گۇمانى ساداسى ئىچىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ داۋالاش سىستېمىسىدىكى يوچۇقنى تېپىپ چىقىپلا قالماستىن يەنە زۆرۈر تېپىلغاندا بۇندىن بۇرۇنقى تاقابىل تۇرۇش سىياسىتىنى تەڭشەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىلىق ئىككى سېسترانىڭ ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملىنىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غەربىي ئافرىقىغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئامېرىكىدا ئېغىر يۇقۇمنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى غەربىي ئافرىقىدىكى يۇقۇمنى كونترول قىلىش زۆرۈر.

ياۋروپا ئامېرىكا دۆلەتلىرى گەرچە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن چېگرىنى تاقاش بىلەنلا ئېبولا ۋىرۇسىنى يۈزدە يۈز توسقىلى بولمايدۇ. ئافرىقا ئەللىرىنىڭ يۇقۇمدىن مەدھىيەلىنىشى ھەمدە ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىقتىدارىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، سەھىيە داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەندىلا، ئاندىن ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ يامرىشىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ياخشى دورىنى تاپقىلى بولىدۇ.

ئېبولا ۋىرۇسى 40 يىل بۇرۇنلا بايقالغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە ئۈنۈملۈك دورا ۋە ۋاكسىنا تېپىلماي كەلدى. ئىلغار دورا ياساش سانائىتىگە ئىگە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئېبولانى داۋالاش تەرەپلەردىكى سېلىنمىسى يېتەرسىز بولۇپ كەلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېن فېڭفۇجېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ تەسىرى ئەزەلدىن پەقەت ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەردىلا چەكلىنىپ كەلگەن، بۇ خىل سېتىۋېلىش كۈچى بولمىغان بازارغا قارىتا پايدىنى كۆزلەيدىغان دورا ياساش كارخانىلىرى مەھسۇلات تەتقىق قىلىشقا مەبلەغ سېلىشنى خالىمىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئاننانمۇ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن ناھايىتى ئۈمۈتىسزلىنىپ مۇنداق دېدى: ئېبولا يۇقۇمى غەربىي ئافرىقىغا ئاللابۇرۇنلا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەت ۋىرۇس ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا يامرىغاندىلا ئاندىن ھوشىنى تاپتى. يەر شارى بويىچە ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇشۇنداق ئاستا بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئافرىقىدا پارتىلىغانلىقىدا. مەن ئىقتىدارى بار شۇ دۆلەتلەرنى تەنقىدلەيمەن دېدى.

ھازىر، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئېبولا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە مەبلەغ، خادىم ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرى غايەت زور كەمچىل بولىۋاتىدۇ. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەم بېرىش ھەرىكىتى ئېغىر دەرىجىدە كەينىدە قېلىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى 16-سېنتەبىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يەر شارىدا ئېبولاغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىدە يېرىم يىلدا 988 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئېھتىياجلىق بولدۇق، ئەمما ھازىرغىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ھۆكۈمەت فوند پەقەت 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىش ۋەدىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھېساباتقا كىرگەن پۇل ئاران 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كېلىدۇ.

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
26-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
     ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى پائۇل رۇئان 5–چېسلا مۇنداق دېگەن، ئۇنىڭ ترامپنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە ۋاكالىتەن 2016–يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى سايلىمىغا قاتنىشىشىنى قوللاشقا تېخى تەييارلىقى پۈتمەپتۇ. ...
07-05-2016
    تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنىتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ بىر نۇسخا خەۋىرىدە، ئىراق ساقچىسىنىڭ چارلاۋاتقان بىر پارچە سۈرىتىدە چوڭ يارقىن نۇقتا بار بولۇپ، سۈرەتتىكى ساقچى موتسىكىلىتى...
07-05-2016
    ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ماي خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شوتلاندىيەدە 14 ياشلىق قىز پەيسلېي كوچىسىدا قاتتىق تاياق يىگەن، ئورىۋالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچكىم ئوتتۇرىغا چىقىپ توسىمىغان، ھەتتا كۈلگەن ئاۋاز چىققان....
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى كراسنويارسىكدا ئاممىۋى ئاپتوبۇستا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش پىلانىنى توسۇپ قېلىپ، خەلقئارالىق تېررورچىلار بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان بىر قا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، كانادا ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ماكمۇرراي بازىرى (Fort McMurray) ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تۇتاشقان ئوت داۋاملىق كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس-...
07-05-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تور دۇنياسىدا ئالەم بوشلۇقىنى باش تېما قىلغان تورتلار مودا بولغان بولۇپ، تورت ياسىغۇچىلار ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئەڭ گۈزەل ھەم كۆركەم تورتلا...
07-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
07-05-2016
    ئامېرىكا گىئولوگىيە قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى ۋاقتى 7-ماي ئەتىگەن سائەت 6:18 مىنۇت ئۆتكەندە، مېكىسىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 13 ك...
07-05-2016
    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى 6- چېسلا مۇنداق باھا بەردى: «غەرب ئەللىرىدىكى ئاساسلىق شەھەر تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان شەھەر باشلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ <دەرىجىدىن تاشقىرى پەيشەنبە> دىكى تۈرلۈك سايلامل...
07-05-2016
    يەمەن بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەمەننىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان مارب ئۆلكىسىدىكى بىر بازاردا 6-ماي چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم قازا قىل...
Powered by Leglek