جاھان ئاگېنتلىقى 5-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى كۈنىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە قولغا ئېلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلغان 266 كىشىدىن 24 كىشى قولغا ئېلىندى. ئىستانبۇل ساقچى مۇدىرىيتى، تۇتۇپ تۇرۇلغان 266 كشىدىن 191 كىشىنى قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، 51 كىشىنىڭ چەتئەلگە چىقىشتىن چەكلىنىش قارارى بىلەن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۇتۇپ تۇرۇلغانلاردىن 24 كىشى بولسا 2911-نومۇرلۇق توپلىشىش ۋە نامايىش قىلىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئۇمۇم مۈلكىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى، نامايىشتا تىغلىق ئەسۋاپ ساقلاش قاتارلىق جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىندى. ئىستانبۇلدا 1-مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 366 كىشى قولغا ئېلىنغان ئىدى، بۇلاردىن 100 كىشى تەپتىشنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. گۇماندارلاردىن 266 كىشى تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن ئەدلىيەگە يۆتكەلگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved