بىل گايتىس يەنىلا دۇنيادىكى 1-باي بولۇپ تۇرماقتا

     بەزى ئەھۋاللار مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، مەسىلەن بىل گايتىسنىڭ دۇنيادىكى 1- باي بولۇشتەك ئورنى ئۆزگەرمىگەن. ئەڭ سانلىق مەلۇماتلاردا ئايان بولۇشىچە، بىل گايتىس يەنىلا نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ پۇلدار كىشى ئىكەن. 1986-يىلى <<مىكروسوفت>> شىركىتىنىڭ پېيى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، بىل گايتىس ئىزچىل ھالدا دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. كېيىن، <<مىكروسوفىت>> شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ دۇنيادىكى بارلىق كومپيۇتېرلارنىڭ بىر تۈرلۈك ئۆلچەملىك مەھسۇلاتىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىل گايتىسنىڭ بايلىقىمۇ ئېشىپ بارغان.

        بايلىق سۈرۈشتۈرۈش شىركىتى __ Xealth-X نىڭ دۇنيادىكى 50 چوڭ بايغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بىل گايتىسنىڭ ساپ مۈلكنىڭ قىممىتى 87 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، بۇ بىل گايتىسىنى تەرتىپتە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئامانسىيو ئورتېگادىن 20 مىليارد دوللار ئېشىپ كەتكەن. ئامانسىيو ئورتېگا ئىسپانىيەنىڭ داڭلىق مودا ماركىسى <<زارا>>نىڭ بەرپاچىسى بولىدۇ.

        گەرچە بىل گايتىس ئۆزىنىڭ مۈلكنىڭ يېرىمىنى ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ھازىغىچە ئىئانە قىلغان سوممىسى 27 مىليارد دوللاردىن ئاشقان ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ سېخىي كىشىگە ئايلانغان. شۇنداق بولسىمۇ بىل گايتىسنىڭ كىرىمىنىڭ سۈرئىتى ئۇنىڭ ئىئانە سۈرئىتىدىن خېلىلا تېز بولغان.

         2013-يىلى، بىل گايتىس <<كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى>>دىكى بىر ماقالىدە مۇنداق دېگەن: <<مېنىڭ ئەلۋەتتە قورسىقىم توق، كىيىمىم پۈتۈن. ماڭا نىسبەتەن مەلۇم خىل ئەھۋالدىن باشقا، پۇلنىڭ ھېچقانداق ئىشلەتكۈچىلىكى يوق. مېنىڭچە، پۇلنىڭ ئىشلىتىش ئورنى دېگەنلىك ___ ئورگانلارنى قۇرۇش ۋە بايلىقلارنى دۇنيادىكى نامراتلارغا بېرىش دېمەكتۇر.>>

       2000-يىلى <<مىكروسوفت>> شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، بىل گايتىس مۇھىم نۇقتىنى دۇنيانىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاراتقان. بىل گايتىس بىلەن ئۇنىڭ ئايالى مېلىندا گايتىس دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنى قۇرۇپ، 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق خەير-ساخاۋەت فوندىنى كونترول قىلغان. بىل گايتىس-مېلىندا گايتىس فوندى قەرەللىك ھالدا نەچچە مىليون دوللار ياردەم قىلىپ، دېھچقانچىلىق تەرەققىياتى، جىددىي قۇتقۇزۇش، شەھەرلەردىكى نامراتلارنى يۆلەش، دۇنيانىڭ ساغلاملىقى، شۇنداقلا مائارىپ قاتارلىق ئىشلارنى قوللاپ كەلمەكتە. 2014-يىلى، بىل گايتىس-مېلىندا گايتىس فوندى غەربىي ئافرىقىدىكى ئېبۇرا ۋىروسى يۇقۇمى ئەھۋالىغا زەربە بېرىشكە 50 مىليون دوللار ياردەم قىلغان.




خەتكۈچلەر:
29-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek