گېرمانىيە خەلقى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، يەھۇدىيزمغا قارشى تۇرۇشقا ئېتىراز بىلدۈردى

خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : شۇ يەر ۋاقتى 14-سېنتەبىر گېرمانىيە پايتەختى بېرلېندا چوڭ كۆلەملىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل يىغىلىشتا يەھۇدىيزمغا قارشى تۇرۇشقا ئېتىراز بىلدۈرۈش نۇتۇقى سۆزلەپ ، گېرمانىيەدىكى ھەرقايسى ساھەرلەرنى يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ ، يەھۇدىيلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشقا چاقىردى .


شۇ يەر ۋاقتى 14-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 لەردە ، بېرلىن براندېنبۇرگ دەرۋازىسى ئالدىدا 6000 دىن ئارتۇق كىشى يىغىلىپ ، يەھۇدىيزمغا قارشى تۇرۇشقا ئېتىراز بىلدۈرۈش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى . گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ۋە زۇڭتۇڭ گائۇك بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا قاتناشتى . مېركېل يىغىلىشتا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن ، مەن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامىدىن گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى ھەرقانداق شەكىلدىكى يەھۇدىيزمغا قارشى تۇرۇشنى ئەيىبلەيمەن . مەن يەھۇدىيلارنى يەكلەيدىغان بارلىق قىلمىشلار ۋە گەپ-سۆزلەرگە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىمەن . بىز يەھۇدىي قېرىنداشلار ، قوشنىلار ۋە ئىشداشلارغا شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى ، گېرمانىيە سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار .

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ، گېرمانلار بۇ تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ھەمدە قانلىق قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغان قېرىنداشلاردىن ئاشكارا ئەپۇ سورىشى كېرەك . بىز ياشلار ۋە چوڭلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزۈشىگە ئىلھام بېرىمىز . بىز تېخىمۇ زور مەبلەغ سېلىپ مائارىپنى ياخشىلايمىز ھەمدە خاتىرە ئابىدىسى قۇرۇپ چىقىمىز . ئاشۇ قاباھەتلىك مەنزىرىنى ۋە ئەسلىمىنى گېرمانىيە تارىخىنىڭ بىر بۆلىكى دەپ بىلىپ ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جاۋابكار بولۇشىمىز كېرەك .

ئىگىلىنىشىچە ، مەزكۇر يىغىلىشنى قوللىغان گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارتىيەسى ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ، گرىن پارتىيەسى ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى ، سولچىل پارتىيە قاتارلىق سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلاردىن باشقا يەنە گېرمانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ، گېرمانىيە پۇتبول A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ، گېرمانىيە ئولىمپىك تەنھەرىكەت بىرلەشمە جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارمۇ بار .

 



16-09-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
04-05-2016
    ياپونىيە 3-ماي تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 50 مىڭ ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى توكيوغا يىغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار ...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
04-05-2016
     رۇسىيە گېزىت خەۋەرلىرى تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىسىترى سېرگى لاۋروف مۇنداق دېگەن: رۇسىيە تۈركىيەنىڭ سۇرىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ...
04-05-2016
كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۆنھيې 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىران پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ ئىران-كورىيە ئىككى دۆلەت 1962-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان كورىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىراند...
04-05-2016
    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل 2015-يىل ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شېنزوغا ياپونىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش...
03-05-2016
    5-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، لەنجۇ-خەيكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ گۇاڭشى بېيخەيدىكى بۆلىكىدە، لىققىدە ئاناناس بېسىلغان يۈك ماشىنىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، نەتىجىدە ماشىنىدىكى ئاناناسلار يۇقىرى سۈ...
Powered by Leglek