دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى 12-يانۋار سائەت 24:00 دە بۇ يىلغا تەۋە تۇنجى تۆۋەنلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدىكەن. 2014-يىل يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ماي باھاسى ئۈزلۈكسىز چۈشكەن، يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان خەلقئارادىكى ماي باھاسىدا چۈشۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلمىگەن. مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ماي باھاسى ئۈچ كۈندە %10 تۆۋەنلەش رېكورتى يارىتىلىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ھەر تۇڭ ماينىڭ باھاسى تۇنجى قېتىم 50 دوللارغا چۈشۈپ، 2009-يىل 4-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن تۆۋەنلەش مەزگىلىگە قەدەم قويىدىكەن.
لوڭجوڭ نېفىت- خىمىيە تورىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ بىلدۈرىشىچە، 12-يانۋار سائەت 24:00 دە دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماينىڭ باھاسى بۇ يىلدىن بۇيانقى تۇنجى تۆۋەنلەش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بېنزىن، دېزىل مېيىنىڭ ھەر تونىسىنىڭ باھاسى 350 يۈەن ئەتراپىدا چۈشۈپ، ھەر لېتىرى 0.26 ~ 0.3 يۈەنگىچە چۈشىدىكەن.
![]() |
«قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved