مىسىردا پارتىلاش يۈز بېرىپ 4 كىشى ئۆلدى

جاھان ئاگېنتلىقى 25-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، مىسىرنىڭ بەنى سۇۋەيىف رايۇنىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە 4 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بەنى سۇۋەيىف ساقچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى رايۇندا بىر ئۆيدە پارتلاش ۋەقەسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن، بىخەتەرلىك قىسىملىرى تېزدىن مەزكۇر رايۇنغا يىتىپ بارغان. باياناتتا دېيىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيداننى تەكشۈرۈشتە، زور مىقداردا پارتلاتقۇچ ماتىرياللىرى بىلەن بىر قۇرال ۋە 10 دانە يان تېلېفون بايقالغان. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، بۇ پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مىسىردا 2013-يىلىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تەشكىللەنگەن ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت 2013-يىلى 25-دېىكابىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى «تېرور تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ قارار چىقىرىلغاندىن كېيىن مىسىر مىقياسىدا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى چىققۇچىلار ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەزالىرىغا قارىتا قولغا ئېلىش ھەرىكتى باشلاندى. دەسلەپتە مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى باش رەھبىرى مۇھەممەد بەدىئى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قولغا ئېلىندى ۋە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. مىڭلىغان كىشىلەر ھازىرمۇ مىسىر تۈرمىلىرىدە سوتلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. يېقىندا 21-ئاپرېلدىكى سوتتا ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.



25-04-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى چالاندىيا، ئىسرائىلىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى پەلەستىنلىك ئەر پىچاق كۆتۈرۈپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىگە يېقىنلاشقانلىقتىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ...
28-04-2016
    تۈركىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 27 –ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر بۇرسادا شۇ كۈنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، پارتلاشتا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى قازا قىلغاندىن باشقا، يەنە ئون نەچ...
28-04-2016
    ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى پرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى.كىلىنتون ئەگەر بۇ قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى ...
28-04-2016
    رۇسىيە سۈنئي ھەمراھ تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترۇمپ ئامېرىكا رۇسىيە ۋە جۇڭگو بىلەن ئۆچەكەشمەسلىكى كېرەك دەپ قارىغان. خەۋەرلەردە ئې...
27-04-2016
     شىنئەن كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ ساقچى تەرەپنىڭ <تېنچ ۋۇخۇ> مىكروبىلوگىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ئېيتىشىچە، 4-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋۇخۇ جام...
27-04-2016
ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى، دېلاۋىيەر شىتاتى، ماريلاند شىتاتى، پېنسىلۋانىيە شتاتى، رود شىتاتىدا 26- ئاپرېل زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ دەسلەپكى سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئۆي-مۈلۈك ماگىناتى ترۇمپ...
27-04-2016
    سېنگاپور « بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 25-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى تاكۇر يېقىندا ھىندىستان زۇڭلىسى مودىغا مۇراجىئەتنامە چىقىرىپ، تاغدەك بېسىلىپ قالغان دېلولارنى بى...
27-04-2016
   ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە سانكى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن فۇجى ئاخبارات تورى يولغا قويغان ئەڭ يېڭى جامائەت پىكرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئابى شىنزو ئىچكى كابېنتىنىڭ 4-ئايدىكى قوللاش نى...
27-04-2016
    فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلىپپىنىڭ جەنۇبىدىكى رادىكال تەشكىلات «ئابۇشايۇف» 4- ئاينىڭ 25- كۈنى 68 ياشلىق كانادالىق تۇتقۇننى ئۆلتۈرىۋەتكەن، ئەمما نۆۋەتتە مەزكۇ...
27-04-2016
     26-ئاپرېل، گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىغان: يەر يۈزىدىكى مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ئىش تاشلىشىنىڭ  تەسىرگە ئۇچرىغانلىقتىن، شىركىتىمىز 27-ئاپرېلدىكى 900 گە يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئە...
Powered by Leglek