ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كۆپ نەملىك ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدىن ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدا ئاز كۆرۈلىدىغان كۈچلۈك قۇيۇن پەيدا بولغان بولۇپ، ئاز دېگەندە ئالتە ئادەم ناچار ھاۋا رايى سەۋەبىدىن قازا قىلغان، ئۈچ ئادەم يوقاپ كەتكەن، 40 ئادەم يارىلانغان، قىسمەن رايونلارنىڭ قاتنىشى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاركىنزاسنىڭ شەرقىي قىسمى، مىسسىسىپپىنىڭ غەربىي شىمالى ۋە لۇئىسىئانانىڭ شەرقىي شىمالى ھەمدە تېننېسسى غەربىي قىسىمىدا شۇ كۈنى «ئالاھىدە خەتەرلىك» ھالەتتە تۇرغانلىقنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ بىر يېرىم يىلدىن بۇيان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش تارقىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. لېكىن كۆپ قىسىم ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى كەچنى كۆرسەتكەن بولۇپ، پەقەت مىسسىسىپپى ئوتتۇرا قىسمى، كېنتۇككىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئالابامانىڭ شىمالىي قىسمى ۋە مىسسىسىپپىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدا يەنە قارا قويۇق چىقىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
خەۋەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مىسسىسىپى ئىشتاتى مارشال رايونىنىڭ جەسەت تەكشۈرگۈچىسى ئاندىسىننىڭ ئېيتىشىچە، ناچار ھاۋا رايى مۇقەددەس بۇلاق بازىرىغا كەلگەن ۋاقىتتا، يەتتە ياشلىق بىر بالا 7-نومۇرلۇق تاشيولدىكى ۋاگونسىمان ماشىنىدا قازا قىلغان. مەزكۇر ئىشتاتنىڭ جىددىي ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ھېلسامنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر بازاردا ئىككى ئادەم قازا قىلىپ، ئۈچ ئادەم يوقاپ كەتكەن. مىسسىسىپى ئىشتاتى جىددىي ئىشلارنى بىرتەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئاز دېگەندە 40 ئادەم بۇ قېتىملىق قارا بوراندا يارىلانغان.
ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاركىنزاس ئىشتاتىدا كۈچلۈك بوران بىر ئۆينىڭ يېنىدىكى چوڭ دەرەخنى سۇندۇرۇۋەتكەن بولۇپ، دەرەخ ئۆينىڭ ئۈستىگە چۈشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكى 18 ياشلىق بىر قىز قازا قىلغان. بىر ياشلىق بىر بوۋاق ئۆيگە قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى بوۋاقنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. مېتېئورولوگىيە خادىملىرى ئەسكەرتىشىچە، جەنۇبىي قىسىمدىكى بىر قانچە ئىشتات بۈگۈن كەچتە قارا بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved