سۈرەتتە شاگۇفتا . كاۋسەر (سولدا) ۋە شافقات ئىممانۇل(ئوڭدا)
ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
خەلقئارا لېنىيىسى مەخسۇس خەۋىرى، ئاۋسترالىيە خەۋەر تورىنىڭ 4- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان پىنجاپ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىدىكى شەھەر گوجرا (Gojra) دىكى بىر سوت بىر جۈپ ئەر – خوتۇنغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن، چۈنكى ئۇلار ئۇچۇر يوللاپ پەيغەمبەر مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) (Prophet Muhammed) گە ھاقارەت قىلغان.
ئەمما بۇ ئەر – خوتۇنلار شىكايەتنى ئىنكار قىلغان، ئۇلار يانفونىنىڭ ئاللىقاچان يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
2013- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى، بىر گوجرا يەرلىك مەسچىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاگۇفتا . كاۋسەر (Shagufta Kausar) ۋە شافقات ئىممانۇل (Shafqat Emmanuel) ئەر – خوتۇننى ئۇنىڭغا پەيغەمبەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان مەزمۇندىكى ئۇچۇر يوللىدى دەپ ئەيىبلىگەن.
ئىممانۇل ئەر – خوتۇننىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ ئۈچ بالىسى بار ئىكەن. ئۇلار شىكايەتنى ئىنكار قىلغان ھەمدە ئۇچۇر يوللىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا يانفونىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئىممانۇل ئەر – خوتۇننىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بىرىنى ئۆزلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتسىزلىك قىلىش دېلوسىغا سۆرەپ ئېلىپ كىرىش ئارقىلىق شەخسىي ئۆچ ئېلىۋاتقانمىكىن دەپ گۇمان قىلغان.
گوجرادىكى كۆپىنچە ئاھالە مۇسۇلمان بولۇپ، ئىلگىرى كۆپ قېتىم دىنىي مەسىلە تۈپەيلى زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا پاكىستانلىق ئەر ساۋان .
ماسىھ 2013- يىلى مۇسۇلمان دوستلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا پەيغەمبەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىغان گەپلەرنى قىلدى دەپ ئۈستىدىن ئەرز قىلىنغان ھەمدە جازالانغان. تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، پاكىستاندا پەيغەمبەرگە بىھۆرمەتلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپكەن.
نۆۋەتتە جەمئىي 14 ئادەم پەيغەمبەرگە بىھۆرمەتلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، 19 ئادەم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
مەنبەسى خەلقئارا لېنىيىسى
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved