جاھان ئاگېنتلىقى 2-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىدا 2015-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان 292 كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. پەقەت مارت ئېيى ئىچىدىلا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ سانى 111 گە يەتتى.
ئامېرىكىدا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2015-يىلىنىڭ تۇنجى ئۈچ ئېيىدا 292 كىشىگە يەتتى. ئامېرىكىدا مارت ئېيىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى، ئەنگىلىيەدە 1900-يىلىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانىدىن كۆپ.
ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى قارا تەنلىك ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىن بولغاچقا ساقچىلار ئىرىقچىلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن پات-پات نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىلىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى بىر دوكلات تەييارلاپ، «فەرگۇسون»دا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن قارا تەنلىك ياش مىچىل بروۋىننىڭ ئۆلۈمى ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىكلەرگە قارىتا ئىرىقچىلىق قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ ئوتتۇرغا چىقارغان ئىدى.
ئامېرىكىدا ساقچىلارنىڭ قارا تەنلىك ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىن كەلگەنلەرگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى قىززىق تىما بولۇپ كەلمەكتە. ساقچىلار ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قۇرال ئېسىۋالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتمەكتە.
قارا تەنلىك ئامېرىكىلىق Eric Garner، بۇلتۇر 19-ئىيۇل نىيۇ يوركنىڭ Staten Island رايۇنىدا ئەتكەس تاماكا ساتقانلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، ساقچى باشلىقى Daniel Pantaleo تەرىپىدىن گېلى سىقىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
يەنە بىر قارا تەنلىك ئامېرىكلىق 18 ياشلىق مىچىل بروۋىن، 9-ئاۋغۇستتا St. Louis نىڭ «فەرگۇسون» رايۇنىدا ساقچى خادىمى دەرران ۋىلسون تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا مىقياسىدا قارشىلىق نامايىشى قوزغالغان ئىدى.
28 ياشلىق Akai Gurley نىيۇ يوركنڭ بروكلايىن رايۇنىدا ساقچى خادىمى پەتەر تەرىپىدىن 20-نويابىر كۈنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
تامىر رايىس ئىسىملىك 12 ياشلىق بىر قارا تەنلىك بالا باغچىدا ئويۇنچۇق قۇرال ئويناۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
ئامېرىكىدا بىخەتەرلىك خادىملىرى ھەر يىلى 400-500 ئەتراپىدا كىشىنى ئۆلتۈرىدۇ، FBI «ئامېرىكا فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى»نىڭ ئىستاستىكىسىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىل ئىچىدە 76 نەپەر ساقچى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ھاياتىدىن ئايرىلدى، ساقچىلارنىڭ 49 ى قازا سەۋەبلىك، 27 سى گۇماندارلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved