مايگۈل ھېيتقازى خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئالاھىدە پىروگراممىسى ‹‹چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت›› 10 – سېنتەبىر تۇرپاندا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولدى، بۇ پىروگرامما دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە قويۇلىدۇ.
‹‹چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت›› ئالاھىدە پىروگراممىسىدا ناخشا – ئۇسسۇل ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى قۇتلۇقلانغان، تۇرپان خەلقىنىڭ ئاكتىپ ئىلگىرىلەش روھى ۋە بەخت تۇيغۇسى نامايان قىلىنغان. بۇ ئالاھىدە پىروگراممىغا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ غوللۇق پىلانلىغۇچىسى ۋاڭ ياڭ مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان.
ئۇ مۇنداق دېدى: پىروگراممىدا نەق مەيداندا ئورۇندالغان VCR يېڭىچە ئۇسلۇبى كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى، كاتتا سەھنە ۋە ئۆزگىچە باشلىنىش نۇقتىسى ئارقىلىق پىروگراممىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۇرپان خەلقىنىڭ ئۆزگىچە سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە ئۆرپ – ئادىتى نامايان قىلىنىپ، تۇرپاندىن ئىبارەت مەملىكەتكە تونۇشلۇق ساياھەت شەھىرى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈلۈپ، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى خۇشال كەيپىياتتا تەبرىكلەندى ھەم مەملىكەت خەلقىگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن شىنجاڭچە دۆلەت بايرىمىلىق سوۋغا تەقدىم قىلىندى.
ئۇقۇشىمچە، شىنجاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى 2013 – يىلى 9 – ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە ‹‹چۈمبىلىڭنى قايرىۋەت›› ئاساسىي قاتلام يۈرۈشلۈك پىروگراممىسىدىن 24 ساننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ كۆرسەتكەن. پىروگراممىدا ‹‹ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر سېلىش، بىرلىكتە كۆڭۈل ئېچىش›› ئاساسىي مەقسەت قىلىنىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى، ئۆزگىچە ئويۇنلار، مىكرو فىلىم ۋە شەخسلەرنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئىپادىلەش شەكلى قوللىنىلىپ، ئېكران ئارقىلىق جايلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى، مىللىي ئۆرپ – ئادىتى، تارىخىي مەدەنىيىتى، ساياھەت بايلىقى قاتارلىقلار ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەر ۋە ئىناق تەرەققىيات نامايان قىلىنغان
مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى
http://uy.ts.cn/news/content/2014-09/23/content_378424.htm
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved