مەركەز ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىغا 5 مىليارد 316 مىليون يۈەن ئاجراتتى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى مەركەز مالىيىسى يۆتكەپ چىقىم قىلىش مەبلىغىدىن 5 مىليارد 316 مىليون يۈەننى ئاجرىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتقان.
بۇ يىل مەركەز مالىيىسى ئاجراتقان مەبلەغ ئىچىدە موزىي، خاتىرە سارىيىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش مەخسۇس مەبلىغى 236 مىليون يۈەن، ئاممىۋى تەنتەربىيە سارايلىرىنى ھەقسىز تۆۋەن ھەق بىلەن ئېچىۋېتىش تولۇقلىما مەبلىغى102 مىليون يۈەن، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مەخسۇس مەبلىغى 960 مىليون يۈەن، مەركەزنىڭ رادىئو تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى سىمسىز قاپلاش مەخسۇس مەبلىغى98 مىليون يۈەن، يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى مەخسۇس مەبلىغى 333 مىليون يۈەن ، مەركەزنىڭ يەرلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەخسۇس مەبلىغى 1 مىليارد 855 مىليون يۈەن، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىيات تولۇقلىما مەبلىغى 1 مىليارد 173 مىليون يۈەن. ئۇندىن باشقا مەركەز مالىيىسى دۆلەتنىڭ كىنو ئىشلىرى تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغىدىن ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقىغا تەرجىمە قىلىدىغان كىنو تەرجىمە مەخسۇس تۈرىگە 48 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، شىنجاڭ ، شىزاڭ ، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىغا تەرجىمە قىلىدىغان كىنو تۈرىگە ئىشلەتتى.



ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-01-2016
        مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە پەن تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش مەقسىتىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى يېزا ئىگ...
21-01-2016
       مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:...
20-01-2016
     مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە جەمئىي 66 كەسىپ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئەڭ ك...
18-01-2016
     تۇرسۇن ھۇشۇر ئائىلە قىرائەتخانىسدا كىتابلارنى رەتلىمەكتە    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيە ياتۇر يېزا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى تۇرسۇن ھوشۇر 2009-ي...
18-01-2016
    2016-يىلى 13-يانۋار سائەت 15:00 ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋېيياڭ شۆبىسى دامىڭگۇڭ ساقچىخانىسى چارلاش ساقچىلىرى تەۋەلىكىنى چارلاش جەريانىدا بىر قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال سىمىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ماشىنىدى...
18-01-2016
       كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، كورىيە مائارىپ گۈللەندۈرۈش ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، چاۋشىيەندىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋ...
15-01-2016
        خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ۋە تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى كىرىسسي خانىم 14-يانۋار كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ۋە ئاۋات يېزا مەركىز...
15-01-2016
      خېجىڭ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن خېجىڭ ناھىيەلىك «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى» ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 14-يانۋار «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى»دا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائال...
15-01-2016
      13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئالتە كۈن قالغاندا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلارغا ئەزا توپلاش پائالىيىتى قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتى. تەڭرىتاغ تورى كۆپچىلىكنى مېھىرلىك پىدائىيلار ئەتر...
14-01-2016
            12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
Powered by Leglek