توردا "ئالما شىركېتى بۇ يىلى 9 – ئايلاردا iPhone6 بىلەن iWatch نى بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سالىدۇ، باھاسى 199 ئامېرىكا دوللىرىدىن 229 دوللارغىچە بولىدۇ" دېگەندەك خەۋەرلەر تارقالغانىدى.
يېقىندا يەنە يېڭىدىن باشقىچە ئۇچۇر تارقالدى. ئالما شىركېتى كەسپىي ساھە خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە iWatch بۇ يىل 10 ئايلاردا iPhone6 دىن كېيىن بازارغا سېلىنىدىكەن. ئىكىرانىغا ئەگرى يۈزلۈك OLED كۆرسەتكۈچ ئىكىران سەپلىنىدىكەن. iWatch يەنە سىنزۇر ئارقىلىق ئىشلەتكۈچىنىڭ بەدەن ئىسسىقلىق سەرپىياتى، قاندىكى ئوكسېگىن مىقدارى، ئۇيقۇ سۈپىتى ۋە قاندىكى ماي نىسپىتى قاتارلىق سالامەتلىك ئۇچۇرلىرىنى توپلىيالايدۇ. بولۇپمۇ قان سىيىش كېسىلى بىمارلىرىغا تولىمۇ ياخشى تاللاش بولالايدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ ئىيتىشىچە: قان سېيىش كېسىلىنى ھەر قېتىم تەكشۈرتىشكە كېتىدىغان چىقىمنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەگەر ئالما تەرەپ iWatch نىڭ يۇقىرىقى ئىقتىدارى ئارقىلىق ئىھتىياجنى قامدىيالىسا زور ئۇتۇق قازانغان ھېسابلىنىدىكەن.
iWatch مەسئۇل تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئالما ھەريىلى 3 مىليۇندىن 5مىليۇنغىچە iWatch ئىشلەپ چىقىرىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ سان بۇلتۇرقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەتلەرنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش سانىدىن ئارتۇق.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved