شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ساقچىلارنىڭ زور كۈچ بىلەن تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللامنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسى پاش قىلىندى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۇرغۇن تۇرسۇن، مەمەتجان رەھمىتۇللا، نۇرمەمەت ئابلىمىت قاتارلىق ئۈچ قارا نىيەتنىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ‹‹چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىش›› ئارقىلىق تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش كويىدا، 30 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 4 تىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، جۈمە تاھىر داموللام بامدات نامىزىنىڭ ئىماملىقىنى قىلىپ بولۇپ تۇرغاندا ئۇنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرگەنلىكى ئېنىقلاندى.
دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج خ ئورگىنى نىشاننى تېزدىن قامال قىلىپ، تۇتۇشقا كىرىشتى. 30 – ئىيۇل چۈشتە، ئۈچ قارا نىيەت پىچاق، پالتا كۆتۈرگىنىچە، ج خ ساقچىلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتتى، ساقچىلار كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئىككى جىنايەتچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، بىر جىنايەتچىنى قولغا ئالدى.
دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved