پاكىستان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 19 ئادەم ئۆلدى

     پاكىستان مېدىيەلىرىنىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى كايبېر-پاكتۇنكۋا ئۆلكىسىنىڭ چارسادا شەھىرىگە جايلاشقان پاشاخان ئۇنىۋېرسىتېتىدا 20-يانۋار تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 19 ئادەم ئۆلگەن، 50 نەچچە ئادەم يارىدار بولغان. پاكىستان تالىبانلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

        يەرلىك دوختۇرخانىنىڭ دېيىشىچە، ئاز دېگەندە 19 جەسەت دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن. رۇسىيە مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 25 ئادەم ئۆلگەن. كايبېر-پاكتۇنكۋا ئۆلكىسىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە قۇرۇلۇش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى فارماننىڭ دەلىللىشىچە، 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارىدار بولغان. بىر قىسىملىرىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن، ئۆلۈم-يېتىم سانى داۋاملىق ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

       پاشاخان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى فايسالنىڭ دېيىشىچە، 20-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن مەزكۇر مەكتەپ پاكىستاننىڭ داڭلىق سىياسىي رەھبىرى پاشاخاننى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، بىر توپ سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىق مەكتەپ ئارقا تېمىدىن كىرىپ ھۇجۇم قوزغىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۆلگۈچىلەر ئىچىدە پرافېسسور، ئوقۇغۇچى، ئامانلىق ساقلىغۇچۇ ۋە ساقچىلار بار ئىكەن.

        يەرلىك مېدىيەلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچىلاردا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى بولۇپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر مەكتەپتىن قاتتىق ئېتىشىش ۋە نەچچە قېتىم پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغانلىقىنى ئېيتتى.

      پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئاسىم سەلىم باجۋانىڭ دەلىللىشىچە، نۆۋەتتە 4 قوراللىق ئېتىپ تاشلانغان، بىخەتەرلىك خادىملىرى باشقا قوراللىقلارنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كونكرېت سانى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

      ۋەقەدىن كېيىن پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ باياناتچىسى مەنسۇر بايانات ئېلان قىلىپ، تالىباننىڭ ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى، مەقسىتى پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تالىباننىڭ ئادەملىرىنى ئېتىۋەتكەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.



خەتكۈچلەر:
21-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: باغداش تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek