كورېيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە پارلامېنتى ئەدلىيە كومىتېتى 3-مارت چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى بولغان «كىم يۇڭران قانۇنى»نى ماقۇللىغان. «كىم يۇڭران قانۇنى» ئەسلىدىكى مەمۇر ھەمدە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىنغانلار ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىغا تەتبىقلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، تاراتقۇ خادىملىرى ۋە پۇقراۋى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدىغان ئوبيېكتلار ئەسلىدىكى 18 مىليوندىن 3 مىليون 600 مىڭغا ئازايغان. «كىم يۇڭران قانۇنى» نى كورېيە پۇقرالار ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى كىم يۇڭران 2012-يىلى ئوتتۇرىغا قويغانىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسى كېلەر يىلى سېنتەبىردە رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، مەمۇرلار 1 مىليون ۋون (6000 يۈەن) پارا ئالسىلا جىنايى ئىشلار بويىچە جازالىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved