شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى ئامېرىكا پىلانىتلار ئۇرۇشى قىزغىن كەيپىياتىغا تولدى. شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، «پىلانىتلار ئۇرۇشى7» رەسمىي قويۇلدى، تۇنجى كۈنى ئاسانلا يۈز مىلىيون دوللارلىق ئۆتكەلدىن ئۆتتى، ئەڭ يېڭى بېلەت كىرىمى سىتاتىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى كۈنىدىكى بېلەت كىرىمى 125-130 مىلىيون دوللارغا يەتتى. بۇندىن سىرت 57 مىلىيون دوللارلىق ئالدىن قويۇش بېلەت كىرىمىگە ئېرىشتى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى ھەپتە ئاخىرىدىن كېيىن، «پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» 250-275 مىلىيون دوللارلىق بېلەت كىرىمىگە ئېرىشىدۇ.
J·J ئابرامىس رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ پۈتۈنلەي يېڭى بولغان پىلانىتلار ئۇرۇشى فىلىمى كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، نۆۋەتتىكى ھالەتتىن قارىغاندا چوقۇم ھەرتۈرلۈك رېكورتنى بۇزدى.
«يۇرا ئېراسى دۇنياسى» 208 مىلىيون دوللارلىق تۇنجى ھەپتە ئاخىرى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزدى.
«خاررى پوتتېر 7» نىڭ 43.50 مىلىيون دوللارلىق ئالدىن قويۇش بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزدى.
«خاررى پوتتېر 7» نىڭ 91 مىلىيون دوللارلىق جۈمە كۈنلۈك تۇنجى قويۇش بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزدى.
چەتئەل رايونىدا، «پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» نىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولدى. ئامېرىكا غەربى قىسىم ۋاقتى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەرگىچە، فىلىمنىڭ 44 چەتئەل رايونىدىكى بېلەت كىرىمى جۇغلانمىسى 130 مىلىيون دوللارغا يەتتى، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتنىڭ تۇنجى قويۇش كۈنى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزدى. ئاز بولمىغان كىشلەر «پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» ئەڭ ئاخىرىدا «ئاۋاتار» ياراتقان 2.7 مىلىيارد دوللارلىق يەرشارى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بۇزىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، «پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» يەنە كىنو باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى، نۆچەتتە فىلىمنىڭ يېڭىلىق دەرىجىسى %95 بولۇپ، كىنو ئاكادىمىيەسى تەرىپىدىن 2015-يىللىق ئون نادىر فىلىمنىڭ بىرى دەپ باھالاندى. كىنو باھالىغۇچىلاردىن سىرت، مەستانىلەرمۇ بەس-بەستە ماختىدى.
«پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» 1-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقتا قويۇلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved