ئەنخۇي ھەربىي سانائەت گورۇھى
(安徽军工集团控股有限公司---简称安徽军工集团)
ئەنخۇي ھەربىي سانائەت گورۇھى پاي چېكىنى كونترول قىلىش چەكلىك شىركىتى( قىسقارتىلىپ ئەنخۇي ھەربىي سانائەت گورۇھى دېيىلىدۇ) بولسا ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكىمىتى تەستىقلاپ بەرپا قىلغان چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ھەربىي سانائەت كارخانا گورۇھى، 2000 - يىلى 11 - ئايدا رسمىي ۋىۋىسكا ئىسىپ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. قارمىغىدا 10 تارماق شىركەت، بەش ئۆلكە دەرىجىلىك تېخنىكا مەركىزى بار. ئەنخۇي ھەربىي سانائەت گورۇھى مەمىلكەتتە يەرلىك ھەربىي سانائەت ئومومىي گەۋدىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە، ھەل قىلغۇچ ئورنى، ئۇنىۋېرسال كۈچى ۋە كۆلەملەشكەن كۈچى جۇڭگو يەرلىك ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى ئىچىدە بىرىنچى، كۆپلىگەن ھەربىي مەھسۇلاتلىرى دۆلىتىمىزدە ئالدىنقى ئورۇندا ۋە خەلقئارادا ئىلغار سەۋىيەدە تۇرىدۇ.
ئەنخۇي ھەربىي سانائەت گورۇھى پاي چېكىنى كونترول قىلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەنخۇي چاڭچىڭ(长城) ھەربىي سانائەت پاي چەكلىك شىركىتى(安徽长城军工股份公司)،
2012 - يىلى 7 - ئايدا رەسمى ۋىۋىسكا ئىسىپ قۇرۇلدى، < ئەنخۇي چاڭچىڭ ھەربىي سانائىتى تۈزۈم ئۆزگەرتىپ بازارغا چىقىش لاھىيسى> نى دۆلەت مۇداپىئە پەن تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسى تەستىقلىغان. 2012 - يىلى 11 - ئايدا رەسمىي ھالدا بازارغا چىقىش يېتەكچىلىك باسقۇچىغا كىرگەن. تارمىقىدا ئىلاھىي قىلىچ پەن -تېخنىكىسى( 神剑科技 )، شەرق شامىلى ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى( 东风机电 )، ئايلانما ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى( 方圆机电 )، قىزل يۇلتۇز ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى( 红星机电 )دىن ئىبارەت تۆت كارخانا بۇلۇپ ھەممىسى يۇقىرى، يېڭى تېپتىكى پەن - تېخنىكا كارخانىسى ھىسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved