17-ئاۋغۇست سەھەر سائەت 1:30لاردا ، سەنشى ئۆلكىسى چاڭجى شەھىرى يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونى جىڭشەن گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىدە گاز پارتلاپ كېتىپ، يەتتە ئادەم قازا قىلغان ، تۆت ئادەم يارىلانغان بولۇپ، يارىلانغانلار چاڭجى شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ۋە چاڭجى شەھەرلىك خېجى دوختۇرخانىسىغا يەتكۈزۈلگەن.
نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دەسلەپكى قەدەمدە بۇ قېتىمقى ھادىسىنىڭ تەبىئىي گاز قېچىشتىن كېلىپ چىققانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved