ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 12–مارت خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ساقچى ۋازارىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا، 2014–يىل پۈتۈن بىر يىلدا ياپونىيەدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلارنىڭ سانى 25 مىڭ 427 گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6.8 ئازلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە 22 ئادەم ياپونىيەدىكى چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 16 ئادەم ئازايغان، دەپ كۆرسىتىلگەن.
ۋەسىيەتنامە قاتارلىق يىپ ئۇچىلىرىغا ئاساسەن ئۆلۈۋېلىش نىيىتىگە كەلگۈچىلەرنىڭ مەقسىتىنى پەرەز قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن مۆلچەرگە قارىغاندا، خامۇشلۇق كېسىلى قاتارلىق سالامەتلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۆلۈۋالغانلار 12 مىڭ 920 گە، كىرىم ۋە تۇرمۇش مەسىلىسى سەۋەبلىك ئۆلۈۋالغانلار 4144 گە، ئائىلە مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك ئۆلۈۋالغانلار 3644 گە، خىزمەت بېسىمى سەۋەبلىك ئۆلۈۋالغانلار 2227 گە يەتكەن.
ئۆلۇۋالغۇچىلار ئولتۇراقلاشقان رايوندىن قارىغاندا، توكيودا ئەڭ كۆپ بولۇپ، 2636 گە يېتىدىكەن، ئۇنىڭدىن قالسا كاناگاۋا ئوبلاستىدا 1422گە ، ئەيچى ئوبلاستىدا 1395 گە ، ئوساكادا 1386 گە يەتكەن. ئۆلۈۋالغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز رايون توتتورى ئوبلاستى بولۇپ 114 كە يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved