ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: 26-ئاۋغۇست ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتى پارس قولتۇقى رايونىدا ئىراننىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى بىلەن تىركىشىپ قالدى، ئامېرىكا پاراخوتى ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇردى، ئەمما يارىلىنىش بولمىدى، دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوبى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى قەرەللىك دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، بىر يەللىك كېمىنى ئىراننىڭ بىر بىر ماچتىلىق يەلكەنلىك كېمىسىگە يېقىنلىشىشقا ئەۋەتتى. دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئىراننىڭ كېمىسىدە 50 كالبېرلىق ئىككى پېلىموت بارلىقى، ئۇنىڭ بىرىنىڭ ئۆزلىرىگە نىشانلانغانلىقىنى بايقىدى، شۇڭا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved