ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 14-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:
2014-يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە قارىغاندا %70 چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتى ھازىر توختاپ قالدى. ھازىرقى مەسىلە نېفىت باھاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئۆسۈش يۈزلىنىشى يەنە بىر نۆۋەتلىك چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولۇپ قالامدۇ يوق دېگەندە . سەئۇدى ئەرەبىستان، رۇسىيە ھەمدە باشقا ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش سۆھبىتىنىڭ جانلاندۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت باھاسى 2-ئايدىكى 13 يىلدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا قارىغاندا %45دىن كۆپرەك ئۆستى. بۇنىڭدىن سىرت، نىگېرىيە، ئىراقنىڭ نېفىت تەمىنلىشىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنيا نېفىت تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ۋاقىتلىق ئازىيىشى نېفىت بازىرىنى جانلاندۇردى.
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى 11-مارت دېيىشىچە، خام نېفىت باھاسى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 530 مىڭ باكقا يېقىن تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. بۇ دوكلات بازارنىڭ كۈنسېرى ئۈمىدلىنىۋاتقان كەيپىياتىنى قوللاپ، ئامېرىكا خام نېفىت باھاسىنىڭ %1.7 ئۆسۈپ، ھەر باكىنىڭ 38.5 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئەمما كۆپلىگەن تەھلىلچىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ قېتىمقى قاڭقىش نېفىت باھاسى چۈشۈپ كېتىشنىڭ پىلتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سلانتس نېفىتى قېزىش شىركەتلىرىنىڭ يەنە ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ نېفىت تەمىنلىشىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئالاقىدار ھەرقانداق مۆلچەرنى مۇجمەل قىلىۋېتىشى مۇمكىن. سلانتس نېفىتى قۇدۇقىنى بۇرغۇلاش ۋە قىسىپ يېرىش مەشغۇلاتىنى نەچچە ئاي ئىچىدە تاماملىغىلى بولىدۇ، سۈرئىتى نەچچە يىل سەرپ قىلىپ ئاندىن تاماملىغىلى بولىدىغان باشقا تۈردىكى قۇدۇقلاردىن كۆپ تېز . Goldman Sachsگۇرۇھىنىڭ خام ئەشيا تاۋارلىرى بۆلۈمىنىڭ تەتقىقات مۇدىرى جېففرېي كۇرى (Jeffrey Currie)نىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئەگەر بازار تېز سۈرئەتتە قاڭقىپ ھەر باكى 50 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقسا، ئۇنداقتا ھازىردىن باشلانغان 6 ئايدىن كېيىن باشقا بىر مەسىلىگە يولۇقۇشىدىن ئەندىشە قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باھانىڭ قاڭقىشىنىڭ ئۆزى نېفىت باھاسىغا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن بولغاچقا، نېفىت بازىرىغا زىيادە بالدۇر كىرىۋالسا ناھايىتى چوڭ خەتەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. Goldman Sachsگۇرۇھى 11-مارت ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا دېيىشىچە، خام نېفىت ۋە تەييار ماي ئامبار زاپىسى سەۋىيەسى ئالدى بىلەن نۆۋەتتىكى يۇقىرى نۇقتىدىن چۈشۈشى كېرەك ئىكەن، نېفىت باھاسى ئاندىن داۋاملىق ئۆسەلەيدىكەن.
نېفىت باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشى ھەم خام ئەشيا تاۋارلىرى بازىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈش يۈزلىنىشىگە ئەگەشتى، ئالتۇن ۋە مىستىن تارتىپ قەھۋە ۋە ئورۇق چوشقا گۆشىگىچە بولغان خام ئەشيا تاۋارلىرى باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى.
بىر يىل ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نېفىت بازىرىدىكى تەمىنلەش ئېشىنچىلىقى ۋەزىيىتى سەل پەسەيگەن بولۇشى مۇمكىن. ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2011-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن. خەلقئارا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى 11-مارت بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا دۇنيانىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %0.7 ئازلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved