ئۇشتۇمتۇت ھەرىكەت قىلىش: ياشلار ئاز ۋاقىتلا چېنىقىپ، بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلايدۇ، شۇڭا بەزىلەر ئادەتتە ھەرىكەت قىلماي، ھەپتە ئاخىرىدا تەلۋىلەرچە بەدەن چېنىقتۇرىدۇ، بۇنداق ھەرىكەت مىقدارىنى تۇيۇقسىز ئاشۇرۇۋېتىش ئادەمنى يارىلاندۇرىدۇ، يۈرەك كېسىلى بارلارنىڭ ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ: ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ قىزلارغا بەك ياقىدۇ، بىراق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ يارىلىنىدىغانلار ئاز ئەمەس. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بەدەننىڭ ئېغىرلىق نۇقتىسىنى ئۆزگەرتىپ، داس سۆڭىكىنى ئالدىغا، بەلنى كەينىگە چىقىرىۋېتىدۇ، بۇنداق ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا بۇغۇم خالتىسى ۋە دۈمبە مۇسكۇللىرى بۇزۇلۇپ، بەل ئاغرىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ.
ئاپتاپسىنماسلىق: ئادەم كۈندە ئىشخانىدىن چىقماي خىزمەت قىلسا، ئۇلارنىڭ ئاپتاپ بىلەن ئۇچىرىشىدىغان پۇرسىتى ئاز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تېرە خۇنۇكلىشىپ كېتىدۇ. ئادەمنىڭ تېرىسى ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن بىۋاستە ئۇچىراشقاندىن كېيىن ۋىتامىن D يېتىشمىسە ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىنىشى ئاستىلاپ، تېرىگە قارا داغ ۋە قۇرۇق چۈشىدۇ.
![]() |
تاماكىنىڭ ساغلاملىققا پايدىسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەم بىلىدۇ لېكىن تاماكىنىڭ يەنە ئادەملەرنىڭ ئەقىلنى كېسىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟
يېقىندا ئەنگلىيە ئەبىردىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىق...
|
![]() |
1. دورا ئىچكەندە تاماكا چەكمەڭ.
2. ئاسپىرىننى ئىچكەندە ھاراق ۋە مېۋە شەربىتى ئىچمەڭ.
3. بېربېرىنى چاي بىلەن بىللە ئىچمەڭ.
4. بىروفىننى ئىچكەندە قەھۋە ۋە كولا ئىچمەڭ.
5. ئانتىبىيوتىك دور...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved