مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ئېلېكتىرون تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، خەلقارا ئېلېكتىرون ئېنژېنېرلىرى جەمئىيىتى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن 2016-يىللىق ئېرىك سۇمنېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى ئېلان قىلغان. جۇڭگو ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لى شويەن بىلەن شىئەن ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سەينىڭ قاتارلىق ئالىملار بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇكاپاتلاش پائالىيىتى 1991-يىلى خەلقئارا ئېلېكتىرون ئېنژېنېرلىرى جەمىيىتىنىڭ رەئسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئېرىك سۇمنېرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئاساسلىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان شەخسلەر ياكى كوللىكتىپ (ئۈچ كىشدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ) لارنى مۇكاپاتلايدىكەن.
1997-يىلى تۇنجى قېتىملىق مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغاندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى 30 نەپەر ئالىم بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. مەلۇم بولۇشىچە، لى شويەن 1974-يىلى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1980-يىللىرى بېل خەۋەرلىشىش تەجىربىخانىسىدا خەۋەرلىشىش نەزەرىيىسى ۋە كوممۇتاتور تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، 2014-يىلى ئېلېكتىرون تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاھىدە پروفېسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يەنە بىر ئالىم سەي نىڭ بولسا 1988-يىلى گېرمانىيىنىڭ بىلىفېد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2002-يىلىدىن 2004-يىلىغىچە مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىتتا ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت ئۇچۇر نەزەرىيىسى، تور كودى قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، 2006-يىلىدىن باشلاپ شىئەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسورلۇقنى ئۈستىگە ئالغان.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved