12-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دە، شىئەن شەھىرى چەنبا يېڭىشەھەر ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى توپلىشىۋالغانىدى. بۇ يەردە بىر ھەقسىز كۆكتات تارقىتىش نۇقتىسى بار بولۇپ، كىشىلەر تۇرۇپ بىلەن يېسىۋېلەكنى ھەقسىز ئېلىۋالالايتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ھەقسىز تارقىتىپ بېرىلىۋاتقان يېسىۋېلەكنى شەنشى ئۆلكىلىك تارىخ ۋە مەدەنىيەت مۇزىيىنىڭ مەسئۇل باشلىقى پىشقەدەم سەنئەتكار سۇنجيې ئەپەندىم يېنىدىن 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل چىقىرىپ خۇاشيەن ناھىيسىدىكى كۆكتاتچىدىن سېتىۋالغان.
سۇنجيې ئەپەندىمنىڭ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۇنجيې مۇئەللىم ئوقۇغۇچىسى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا خۇاشيەن ناھىيسىدىكى كۆكتاتچىنىڭ تۇرۇپ ۋە يېسىۋېلىكىنىڭ سېتىلمايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۆز خىراجىتى بىلەن بېسىلماي قالغان كۆكتاتتىن نەچچە ئونمىڭ جىڭ سېتىۋالغان.
چەنبا ئولتۇراق رايونىدا تۆۋەن باھالىق ئۆي ئىجارە ئالغۇچىلار جىق بولغاچقا، مۇشۇ يەرنى تاللاپ ھەقسىز كۆكتات تارقاتقان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved