تەيۋەن «جۇڭگۇاڭ خەۋەرلىرى تورى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا ساقچى تەرەپ كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ يېڭى يىلدىكى تۇنجى مەشىق پىلانىنى يولغا قويۇپ، بودەك ساقچىلارنى مەجبۇرىي ئورۇقلىتىدىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مالايسىيادىكى 124 مىڭ ساقچى ئىچىدە مۆلچەرلىنىشىچە، تەخمىنەن 11 مىڭ ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغان ئورۇقلاش ۋەزىپىسىنىڭ ۋاقتى ئالتە ئاي بولۇپ، نىشان بەش پىرسەنتتىن ئون پىرسەنتكىچە ئورۇقلاش ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلارنىڭ ئۇرۇقلاش پىلانىغا سەھىيە مىنىستىرلىقى ئادەم ئەۋەتىپ نازارەتچىلىك قىلىدىكەن، ئورۇقلاش تەلەپ قىلىنغان ساقچىلار بىر ھەپتىدە چوقۇم بەش كۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىنىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved