28-يانۋار ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› يېڭى باھاردا چىلان ئارقىلىق بەخت تىلەش تالىشىش پائالىيىتى تاۋباۋ تورىدا باشلاندى
28-يانۋار ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› ـــ يېڭى باھاردا چىلان ئارقىلىق بەخت تىلەش تالىشىش پائالىيىتى تاۋباۋ تورىدا باشلاندى، شىنجاڭنىڭ 5000 يۈرۈش چىلان سوۋغاتلىقى تالىشىش شەكلى ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورداشلارغا ھەقسىز سوۋغا قىلىنىپ، شىنجاڭ تىلىكى يەتكۈزۈلدى.
‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› ــــ يېڭى باھاردا چىلان ئارقىلىق بەخت تىلەش تالىشىش پائالىيىتى 28-يانۋاردىن 30-يانۋارغىچە تاۋباۋ تورىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئەتىگەن سائەت 10:00، كەچ سائەت 21:00 دىن ئىبارەت ئىككى بۆلەك ۋاقىتتا تالىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، جەمئىي 5000 يۈرۈش چىلان سوۋغاتلىقى ھەقسىز سوۋغا قىلىنىدىكەن.
‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› چوڭ تىپتىكى تور تەشۋىقات پائالىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشتىكى مۇھىم تەركىبىي قىسىم بولۇپ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق 60 يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئېرىشكەن زور نەتىجىلەر، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر ھەمدە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە ئېرىشكەن ئۇلۇغ غەلىبىلىرى نامايان قىلىنىدىكەن.
‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› پائالىيىتى بۇلتۇرقى ‹‹ئاقسۇ ئالمىسى قىزاردى›› ناملىق چوڭ تىپتىكى تور مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن كېيىنكى شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان يەنە بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيەت پائالىيىتى. بۇنى شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت، بايىنغولىن ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved