شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 24-ئاۋغۇست، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ شەھىرىدە ھەيۋەتلىك مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەش پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو پارات مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 24-ئاۋغۇست، ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ شەھىرىدە ھەيۋەتلىك مۇستەقىللىق كۈنىنى خاتىرىلەش پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو پارات مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پارات مۇراسىمىدا، جەمئىي 49 خىل ھەربىي ئىشلار ئۈسكۈنە، قورال-ياراغلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ‹‹مۆلدۈر›› كۆپ ئىستۋوللۇق زەمبىرەك، ‹‹قارا قويۇن›› كۆپ ئىستۋوللۇق زەمبىرەك، ‹‹سېرىق ھەرە›› ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، شۇنداقلا ‹‹چېكىت ـــ U›› جەڭ تېخنىكىسى ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلار بار.
ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇكرائىنانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەيۋەتلىك مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقى خاتىرىلىنىدۇ. بۇ يىل ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولغانلىقىنىڭ 23-يىلى. ئەمما بۇ بىر يىلدا، ئۇكرائىنا نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارنى، سىياسىي داۋالغۇشلارنى، قىرىم كىرزىسىنى، شەرقتىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈردى.
نۆۋەتتە، داۋاملىشىۋاتقىنىغا نەچچە ئاي بولغان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى تېخى تىنجىمىدى، دۆلەت مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئەڭ مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ يىلقى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئېنىقلا ئالاھىدە بولىدۇ، ھۆكۈمەتمۇ بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved