ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى دالاس شەھىرىدىكى مەلۇم دوختۇرخانا ئامېرىكىدا بايقالغان تۇنجى ئېبۇلا بىمارىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 8-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى。
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، ب د ت ، 8-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى : دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 8-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، ئېبۇلا ۋىرۇسىدا جەمئىي 4000 غا يېقىن ئادەم قازا قىلغان ، 8000دىن كۆپ ئادەم يۇقۇملانغان . بۇ تەشكىلات يەنە غەربىي ئافرىقىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كونترول قىلىنمىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن .
بۇ تەشكىلات 8-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتتا دېيىلىشىچە ، ئېبۇلا ۋىرۇسىدا ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 3879 ئادەم قازا قىلغان ، 8033 ئادەم يۇقۇملانغان ، بۇنىڭ ئىچىدە ، لېبىرىيەدە يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ ، 2210 ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقى دوكلات قىلىنغان .
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتىغا نىگېرىيەدە يېڭىدىن قازا قىلغان سەككىز بىمار، يېڭىدىن يۇقۇملانغان 20 بىمار ، شۇنداقلا ئامېرىكىدا يېڭىدىن بايقالغان بىر بىمارمۇ كىرگۈزۈلگەن .
داۋاملىق تۈردە كېڭىيىۋاتقان ئېبۇلا ۋىرۇسىغا قارىتا ، ئامېرىكا ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن . ئامېرىكا بەش ئايرودۇرۇمدا غەربىي ئافرىقىدىن كەلگەن يولۇچىلارغا قارىتا تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇپ ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەن ۋە تەكشۈرۈش جەدۋىلى تولدۇرغۇزغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved