شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .تۇرمۇشىمىزدا بىلىشقا تېگىشلىك ساغلاملىق ساۋاتلىرى ئىنتايىن كۆپ .جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ساغلاملىق مەسىلىسىمۇ ھەر بىر كىشى كۆڭۈل بكلىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى .تۆۋەندە شۇ تۇرمۇشتىكى ئاددىي ساغلاملىق ساۋاتلىرىدىن بىر نەچچىنى تۇنۇشتۇرىمىز :
1. بۇرنى قانىغاندا ئىڭەكنى يۇقىرى كۆتۈرمەسلىك. بۇرنى قانىغاندا ئىڭەكنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ بىردىنبىر پايدىلىق تەرىپى، قان پەسكە ئېقىپ چۈشمەيدۇ. ئەمما، بۇنداق قىلغاندا قان توختىمايلا قالماستىن بەلكى قان كانايغا ئېقىپ كىرىپ، قۇسۇش ھەتتا تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توغرا ئۇسۇلى بولسا: قان چىققان تەرەپتىكى بۇرۇن تۆشۈكىگە پاختىنى تىقىپ قويۇپ، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، بۇرۇن قانىتىنى يىنىك بېسىپ بەرگەندە ياكى ھۆل لۆڭگىنى بويۇنغا ئورۇۋالسىمۇ قاننى توختاتقىلى بولىدۇ.
2. كۈندە 100 قېتىم باشنى تاراپ بېرىش سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قاراش خاتا. ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق كۆپ باش تاراش، باش تېرىسىدىكى ياغ بېزىنى زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. بولۇپمۇ چىچى مايلىق كىشىلەر ئاز چاچ تاراش كېرەك. بىراق چېچى قۇرغاق كىشىلەر، چاچنى كۆپ تاراپ بېرىشكە ماس كېلىدۇ، شۇنداقتىمۇ تەبىئىي تالدىن ياسالغان تاغاق بىلەن تارىشى كېرەك، بولمىسا چاچ زەخمىگە ئۇچرايدۇ.
3. تەر سېسىق پۇرايدۇ، دېگەن ئۇقۇم خاتا. تەرنىڭ پۇرىقى بولمايدۇ. بىراق تەرنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئورگانىك ماددا بولۇپ، بۇ ماددىلار مىكروپلارنى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا، مىكروپلار تەرنى پارچىلىغان ۋاقىتتا ئاندىن سېسىق پۇرايدىغان ھەيدىگۈچى ماددا شەكىللىنىدۇ.
4. تاماقتىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلاشقا بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن دەرھال چىش چوتكىلىغان ۋاقىتتا، تاماقتىكى كىسلاتا ئېماللىق قەۋەتكە كىرىپ، تاماقنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇپ، چىشنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
5. دورىنىڭ ئەر-ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئوخشاش دەپ قاراش خاتا. تەتقىقاتتا بايقىلىشچە، دورىنىڭ ئەر-ئاياللارغا بولغان تەسىرى ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن: ئاسپىرىن ئەرلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، بىرا ئاياللارغا بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس. ناركوز قىلىش دورىسى قاتارلىق ماينى ئېرىتكۈچى دورىلارنىڭ مىقدارىنى ئاياللارغا ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.
6.پۇت – قوللار ئۇيۇشۇش، سانجىپ ئاغرىش، باش قېيىش، روھىي ھالىتى قالايمىقانلىشىش، تىلى كالۋالىشىش ۋە سۆزى قالايمىقانلىشىش.
بولۇپمۇ يۈز قىسمىدا ياكى بەدەننىڭ بىر يان تەرىپىدە يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بۇ ئېھتىمال شامالدارىش (سەكتە) نىڭ ئالامىتى بولۇشى ھەم چوڭ مېڭىنى قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەيدىغان ئارتېرىيە قان تومۇرى توسۇلغان ياكى يېرىلغانلىقنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر چوڭ مېڭە ئارتېرىيە قان تومۇرىدىن مەسىلە چىقسا، چوڭ مېڭىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر قىسمى تەسىرگە ئۇچراپ يېرىم بەدەن پالەچلىنىدۇ، سۆزلەشتىنمۇ قالىدۇ. ئەگەر كىچىك قان تومۇرلاردىن مەسىلە چىقسا پۇت – قول ئۇيۇشۇش سېزىمى پەيدا بولىدۇ. يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ ئۈچ سائەت ئىچىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا، ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
7.مەيدىسى ئاغرىش ياكى ئارامسىزلىنىش، بىلەك، ئاستى – ئۈستى تاڭلاي، بويۇنلار ئاغرىش، تۇيۇقسىز سوغۇق تەرلەش، قاتتىق ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئاينىش، ياندۇرۇش، باش قېيىش ۋە نەپەس يېتىشمەسلىك.
ئادەتتە يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەزى ئاغرىقلاردا يەنە ئاغرىقسىز يۈرەك كېسىلىمۇ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى تۇيۇقسىز باش قايىدۇ، يۈرەك سوقۇشى جىددىيلىشىدۇ، كۆڭۈل ئاينىيدۇ، ياندۇرىدۇ ۋە سوغۇق تەرلەيدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
8. پاقالچاق سىرقىراپ ئاغرىش، مەيدە ئاغرىش، نەپەس قىسىلىش ۋە قان تۈكۈرۈش.
بۇ پۇت قىسمىدا قان نۆكچىسى پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتكەن ۋە ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇزاق ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلاردىمۇ ناھايىتى ئاسانلا مۇشۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يېتىش ياكى ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، بىر قىسىم قانلار پۇتتا تىنىپ قېلىپ قان نوكچىسى پەيدا بولۇپ، پاقالچاق ئىششىيدۇ، بۇ چاغدا ئەگەر تۇيۇقسىز مەيدە ئاغرىش ياكى نەپەس يېتىشمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇ قان نۆكچىلىرىنىڭ پۇت قىسمىدىن ئايرىلىپ قان ئارقىلىق ئۆپكىگە بېرىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
9.بىر ھەپتە ئىشلەپ چارچىغان نۇرغۇن كىشى ھەپتە ئاخىرىدا قانغۇچە ئۇخلاپ ھاردۇقىنى چىقارماقچى بولىدۇ، بىراق ئەتىسى چۈشتە ئويغانغان چاغدا پۇت – قوللىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، بېشىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇ ھادىسە ئادەتتە ‹‹ئۇيقۇ مەستلىك›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما بۇ ‹‹ئۇيقۇ مەستلىك›› نېرۋىلارنىڭ ئىسپىرتتىن زەخىملىنىشى بىلەن ئوخشاش بولمايدۇ، ھەددىدىن ئارتۇق ئۇيقۇ كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ بەدەننىڭ كۈندىلىك دەۋرىلىنىشىنى كونترول قىلىپ ئادەمنى ھاڭۋاقتى، ھەرىكىتىنى كالانپايلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رىتىم فىزىئولوگىيەلىك ‹‹قوزغاتقۇچ›› تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ‹‹قوزغاتقۇچ›› ئادەمنىڭ كۆزىدىكى يورۇقلۇق سىگنالىغا ئاساسەن شۇ ئادەمگە قايسى چاغدا تاڭ ئاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ بېرىدۇ، كېيىن خىمىيەلىك سىگناللارنى باشقا ھۈجەيرىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپ، پۈتۈن بەدەننى ئوخشاش بىر بىئولوگىيەلىك سائەتكە توغرىلايدۇ، يەنى پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرگە بىر كۈنلۈك زېھنىي قۇۋۋەتنى قايتىدىن تەقسىم قىلىشنى ئۇقتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەندە ھارغىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. ئادەم چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە ئورنىدىن تۇرغان چاغدا، ئەمەلىيەتتە ئادەمنىڭ ھۈجەيرىلىرى ئەتىگەن سائەت 7دىن باشلاپلا ئۇنىڭ زېھنىي قۇۋۋىتىنى تەقسىم قىلىشقا باشلىغان بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ ۋاقىت پەرقى ئېففېكتىغا دۇچ كەلگىنىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
10.مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «چاي ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا، چاينى كۆپ ئىچىدىغانلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى %24 تۆۋەن بولىدىكەن». مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ چاي ئىچمەيدىغانلار، كۈندە بىر ئىستاكاندىن تۆت ئىستاكانغىچە چاي ئىچىدىغانلار ۋە كۈندە تۆت ئىستاكاندىن كۆپ چاي ئىچىدىغانلار قاتارلىق ئۈچ خىل توپقا ئايرىلىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ‹«تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىچىملىك ۋە چاي يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسىلى يوق كىشىلەرنى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش تەھدىتىدىن خالاس قىلىدىكەن، چۈنكى چاي تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارىشى رېئاكتىپ ماددىلار يۈرەك، مېڭە ۋە قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن».
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved