11-سېنتەبىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تېز پويىز لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ قومۇل ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتتى
لەنجۇ–شىنجاڭ يولۇچىلار مەخسۇس لىنىيەسى (لەنج–شىنجاڭ تۆمۈريولى 2-قوش لىنىيەسى ) نىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قومۇل ۋوگزالىغىچە بولغان بۆلىكىدە 5-سېنتەبىردىن 15-سېنتەبىرگىچە يۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ . سىناق مەزگىلىدە ، تۆمۈريول تارماقلىرى ئېلېكتىرلىق ۋاگونسىز پاراۋۇز ، CRH5 تىپلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى خىل شەكىلدىكى پويىزىدىن پايدىلىنىپ ، دەسلەپكى پىلاندىكى يۈرۈش خەرىتىسى بويىچە سىناق قىلىدىكەن .
سىناقنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىككى جاي ئارىلىقىدىكى ئۈسكۈنىلەردىن تولۇق پايدىلىنىش ، ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ تۇراقلىقلىقى ۋە تىرانسپورت ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ ، يولۇچىلار مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇش قوماندانلىق سىستېمىسى قاتارلىقلار سىناق قىلىنىدىكەن .
لەنجۇ–شىنجاڭ تۆمۈريولى 2-قوش لىنىيەسى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى گەنسۇ ، چىڭخەي ، شىنجاڭ قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە ، ئاپتونوم رايوننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان جۇڭگودىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلارغا ياسالغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولۇپ ، مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى قاتناش باشلىنىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved