ئۈرۈمچىدە بۇ يىل 744 نەپەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالدى

       11-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئە قىلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەيدىز كېسىلى خەۋپى ئېغىر ئۆلكە دەرىجىلىك رايوننىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل بىرىنچى ئايدىن ئ10-ئايغىچە ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان دوكلات قىلىنغان ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 744 نەپەر بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى بىمارى 334 نەپەر، دوكلات قىلىنغان ئۆلۈپ كەتكەن بىمارلار 140 نەپەر ئىكەن.  ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرىدا، كۆك قان تومۇر ئارقىلىق زەھەر چېكىش بىلەن تارقىلىش نىسبتى %23.75 بولغان، جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن (ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) يۇقۇش نىسبىتى %75.23 بولغان. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى، تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە جىنسىي يول بىلەن تارقىلىش، بولۇپمۇ ئەرلەر ئارا مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان، بۇلار ئاساسلىقى ياشلار ئىكەن.  2015-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىرغىچە ھايات تۇرۇۋاتقان ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى جەمئىي 9069 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرى 2974 نەپەر ئىكەن، جەمئىي ئۆلۈپ كەتكەنلىكى دوكلات قىلىنغانلار 1748 نەپەر ئىكەن.

  

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەيدىزدىن ساقلىنىش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەيدىزدىن مۇداپىئە قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، نۆۋەتتە پۈتۈن شەھەردە بەش ئەيدىزنى جەزملەشتۈرۈش تەجرىبىخانىسى، 49 ئەيدىز كېسىلىنى تاللاپ تەكشۈرۈش تەجرىبىخانىسى (قىسىم، بىڭتۈەن سىستېمىسىدىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) قۇرۇلغان. پۈتۈن شەھەر بويىچە كېسەلنى كونترول قىلىش، دوختۇرخانا، ئانا-بالىلار ساقلىق-ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، قان سۇيۇقلۇقى مەركىزىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان شەھەر، رايون (ناھىيە)، يېزا ئۈچ دەرىجىلىك ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش خىزمەت تورى شەكىللەنگەن، شەھەرلىك قان سۇيۇقلۇقى مەركىزىدە ئەيدىز ۋىرۇسى يادرو كىسلاتاسىنى ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى كۆزنەك مەزگىلىدىكى يۇقۇملىنىشىنى بالدۇر بايقاشقا ئاساس سالدى.  

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 10 دوختۇرخانا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.  

زەھەر چەككۈچىلەر، خۇپىيانە پاھىشىۋازلىق، جىنسىي كېسەل بىمارى، ئەرلەر ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار قاتارلىق يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپىغا قارىتا، شەھەر بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن 21نى، ئۆز ئىختىيارى بويىچە مەسلىھەت سوراش نازارەت قىلىپ ئۆلچەش ئامبۇلاتورىيەسىدىن 44 نى، مەھەللە دورا تەمىنلەپ داۋالاش ئامبۇلاتورىيەسىدىن 8 نى قۇرۇپ چىقتى ھەمدە ئۇكۇل ئالماشتۇرۇش نۇقتىسىدىن 27نى تەسىس قىلىپ، يۇقىرى خەۋپلىك كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈش ۋە ئارىلىشىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا بولغان تېخنىكىلىق تايانچ بىلەن تەمىنلىدى.



خەتكۈچلەر:
01-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek