بارزانى: مۇسۇلنىڭ قولدىن كېتىشىگە مالىكى مەسئۇل دېدى

جاھان ئاگېنتلىقى 19-ئاۋغۇست خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق كۈرت ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمىتى، ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى نۇرى مالىكىنىڭ مۇسۇلغا ئالاقىدار قىلغان سۆزىگە رەددىيە بېرىپ،« سابىق باش مىنىستىر مالىكىنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسى يوق، ئەمەلىيەتتىن يىراق. مۇسۇل رايۇنىنىڭ قولدىن كېتىشىگە ئەسلىدە مالىكى مەسئۇل، مالىكى بۇ سۆزى ئارقىلىق ئۆزىنى مەسئۇلىيەتتىن قاچۇرماقچى» دېدى.
ئىراق كۈرت ئاپتۇنۇم رايۇنى باشلىقى مەسئۇد بارزانى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مالىكىنىڭ كۈرت ھۆكۈمىتى ۋە تۈركىيەگە ئالاقىدار قىلغان سۆزلىرىنىڭ ئاساسى يوقلىقى، مالىكىنىڭ مۇسۇلنىڭ ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.
مالىكى ئاساسسىز بايانات ئېلان قىلىپ، مۇسۇل رايۇنىنىڭ قولدىن كېتىشى كۈردىستان رايۇنى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلىكتە پىلانلىشى ئارقىلىق بولغاندەپ تۆھمەت توقۇغان.
باياناتتا، مالىكىنىڭ مۇسۇل رايۇنىنىڭ قولدىن كېتىشى ۋە خاتا سىياسەت قوللانغانلىقىدىن ئەسەبىي تەشكىلاتقا پۇرسەت ياراتقانلىقى تەكىتلەندى، باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى؛ «مالىكى خاتا سىياسەت قوللىنىپ ئىراقتا ئەسەبىي تەشكىلاتقا پۇرسەت ياراتقان. مالىكى بارزانىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسكەرتىشىگە پىسەنت قىلمىدى. شۇڭلاشقا مۇسۇلنىڭ قولدىن كېتىشىگە سەۋەب بولدى. كۈردىستان رايۇنى پەشمەرگە قىسىملىرى تېرورچىلارغا قارشى ئالدىنقى سەپتە كۈرەش قىلماقتا».
مالىكى ئىران پايتەختى تېھراندىكى بىر مېھمانخانىدا روسىيە «» ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، ؛ «تۈركىيە ئەسەبىي تەشكىلاتنى ۋە ئەل قائىدە تەشكىلاتىنى قوللايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى. ئەگەر تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بولمىغان بولسا سۇرىيە ۋەزىيتى بۇنداق بولمىغان بولاتتى.»
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچ مالىكىنىڭ تۈركىيەگە قارشى توقۇغان بۆھتانلىرىغا قارىتا، مالىكىنىڭ جىنايەت تۇيغۇسى ئىچىدىكى ئالجىشلىرى پەرۋا قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ. دېدى



20-08-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek