ios نەشرىدىكى ئۈندىدار ئابۇنىتلىرى ئۈندىدار توپتىن چېكىنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ يېڭى ios 8.4 نەشرىگە كۆتۈرۈش كېرەك ئىكەن. نۆۋەتتە ئۈندىدار ئەترىتى يۇقىرىقى مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولغان.
بىر قىسىم ios نەشرىدىكى ئۈندىدار ئىشلەرتكۈچىلەر ئۈندىدار ئىشلىتىش جەريانىدا دوستلىرى قۇرغان توپلاردىن چېكىنىش كېرەك بولغاندا چېكىنەلمىگەن. پەقەت شۇ توپنىڭ قۇرغۇچىسى چېكىندۈرۋەتمىگەچە چېكىنەلمەيدىكەن. يۇقىرىقى ئۈندىداردىكى خاتالىققا نىسبەتەن ئۈندىدار ئەترىتى، بىر قىسىم ios نەشرىدىكى ئابۇنتلارنىڭ توپتىن چېكىنىپ كىتەلمەسلىك مەسىلىسىنىڭ سەۋەبى شۇ توپنىڭ نامىغا ئالاھىدە بەلگىلەر قويۇلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
بۇ خىل ھالەت يەنە ئالما مەھسۇلاتلىرىدا دائىم كۆرۈلىدىغان <<چاقماق چېكىنىش>> نىمۇ كەلتۈرۈپ چىقرىدىكەن.نۆۋەتتە بۇ خاتالىق تۈزۈتىلگەن بولۇپ ئابۇنتلار نۆۋەتتىكى سىستېمىسىنى ئەڭ يۇقىرى نەشرى بولغان ios 8.4 كۆتۈرسە بولىدىكەن. ئەگەر سىستېما نەشرىنى كۆتۈرۈشننى خالىمىسا ئۈندىدارنى ئاندىرويىد سىستېمىلىق ياكى باشقا سىستېمىلىق كۆچمە ئۈسكىنىلەردە ئۈندىدارىن ئىچىپ چېكىنۋالسىمۇ بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved