ئامېرىكىدىكى پادىچىلار ئورگان بىناسىنى قوراللىق ئىگىلەپ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى

     ئامېرىكىنىڭ  غەربىي شىمالىدىكى بىر فېدېراتسىيە ئورگان ئىش بېجىرىش بىناسىنى ھۇجۇم قىلىپ  ئىگىلىۋالغان نامايىشچىلار 3-يانۋار داۋاملىق دائىرىلەر بىلەن تىركىشىپ تۇردى. بۇ  ئىشنى تېزراق تىنچ ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى باش  بولۇپ، فېدېراتسىيە ۋە يەرلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن  مەسلىھەتلەشتى.  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار  ئىگىلىۋالغان ئىمارەت ئەتراپىدا ساقچى ۋە ياكى باشقا قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار يوق  بولۇپ، ھېچقانداق سۈركىلىش ياكى توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن، نەقمەيدان ئىنتايىن تىنچ  ئىكەن.  

    بىر توپ قوراللىق باقمىچىلىق مەيدان ئىگىلىرى 2-يانۋار ئورېگون  شىتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چەت يېزىغا جايلاشقان مالۇل دۆلەتلىك ھايۋاناتلارنى  قوغداش رايونى خىزمەت بىناسىنى ئىگىلىۋېلىپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ جايدىكى  بىر جۈپ ئاتا بالىغا قارىتىلغان قانۇنىي جازاسىغا نارازىلىق بىلدۈردى.  

    شۇ  جايدىكى گېزىت «ئورېگونلۇقلار»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈنى نەچچە يۈز نامايىشچى  ئورېگون شىتاتى بۇرنس بازىرىدا يىغىلىش قىلىپ، يېقىندا قانۇنى جازاغا تارتىلغان شۇ  يەردىكى باقمىچىلىق مەيدانى خوجايىنى ۋايت خامموند ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ستېۋېن ئۈچۈن  ئادىللىق تەلەپ قىلغان. يىغىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر توپ قوراللىق نامايىشچى  بۇرنس بازىرىدىن 80 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مالۇل دۆلەت ھايۋاناتلار قوغداش رايونىغا  بېرىپ، بىر خىزمەت بىناسىنى ئىگىلىۋالغان. 

  ۋەقە يۈز بەرگەن ۋاقىت يېڭى  يىللىق ئارام ۋاقتى بولغاچقا، بىنادا بىرمۇ ئادەم يوق ئىكەن. نۆۋەتتە زادى قانچىلىك  نامايىشچىنىڭ بىنا ئىچىدە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس، فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ  خەۋىرىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 100ئادەم دېيىلدى. 



خەتكۈچلەر:
06-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek