ب د ت سۈرىيەنىڭ بىرۇتىن شەھىرىدىكى 20 مىڭ ئاھالىگە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 17-مارت تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى ستېفان دۇگارى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: سۈرىيە دەمەشىق شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان بىرۇتىن شەھىرىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىگە يېمەكلىك ۋە دورا يەتكۈزۈلدى. بۇ باياناتچى مۇنداق دېگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپتوموبىل ئەترىتى 16-مارت يولغا چىقىپ دەمەشىق ئەتراپىدىكى يېزىلارغا بارغان. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيەدىكى يېقىنلىشىش بولغان ۋە قورشاۋدا قالغان رايونلاردىكى ئاھالىلەرنى ئۇزاق مۇددەتلىك، توسالغۇسىز يول بىلەن تەمىنلەشكە داۋاملىق مۇراجىئەت قىلىدۇ». ب د ت نىڭ مۆلچەرىچە ئۇ يەرلەردىكى ئادەملەرنىڭ سانى 4600 ئىكەن.


خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك تارماقلىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، 1- ئايدىن باشلاپ، سۈرىيەدىكى قورشاۋدا قالغان شەھەرلەرگە يېمەكلىك ۋە دورا يەتكۈزۈپ بەرگەن. ب د ت باش كاتىپى باياناتچىسى مۇنداق دېگەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تەخمىنەن 238 مىڭ كىشى يېمەكلىك ۋە داۋالاش ياردىمىگە ئېرىشتى. شۇنداقتىمۇ، ب د ت نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتوموبىللار يېتىپ بارالمايدىغان رايونلاردا تۆت مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم بار ئىكەن. 3-ئاينىڭ 14-كۈنى،  ب د ت، سۈرىيە ۋەزىيىتى خەتەرلىك بولغاچقا، مەزكۇر دۆلەتنىڭ موتورئاسىيا، زابادانى، فۇئا ۋە كېفۇلايا ب قاتارلىق قورشاۋدا قالغان شەھەرلەرگە توشۇلۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.




خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
       بۈگۈن 4–نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ ياۋرو–ئاسىيا «ئالتۇن كۆۋرۈك» خەلقئارا يەرمەنكىسىنىڭ 2-كۈنى. يېڭى يېپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا، خۇسۇسىي كارخانىلار تەرەققى...
14-05-2016
     ئالدرىن بېلىقى بولسا كېمبرىي دەۋرىدىن دېۋون دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا پەيدا بولغان گۆشخور قاتتىق سۆڭەك بېلىق. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئولجىسى بولسا قاتتىق قاسراقلىق بېلىقلار ۋە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار. شۇ ۋاقىتتىكى يۇقىرى دەرىج...
14-05-2016
     5-ئاينىڭ 12-كۈنى، شۋېتسارىيە جەنۋە. خىزمەتچى خادىملار 14.62 كارات كېلىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ رەڭلىك كۆك برىليانتنى كۆرگەزمە قىلماقتا. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، كىرىستى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى جەنۋەدە دۇنيا ب...
14-05-2016
       شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئاق ساراي ئاخبارات ۋاستىلىرىغا دۆلەت زىياپىتى تاماق تىزىملىكى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش تەييارلىق ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، ئوباما ئەر-ئايال شىمالىي ياۋروپا ...
14-05-2016
    11-چېسلا سەھەردە، گۇاڭجۇ خۇادۇدىكى بىر ئاھالىلەر رايونىدا ۋۇ ئەپەندىم ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ناھايىتى چىرايلىق بىر چىپار كېيىكنى بايقىغان.      بۇ كېيىك ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارلىر...
14-05-2016
      نەچچە كۈن ئىلگىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، دىپلوماتىيە...
14-05-2016
      3-ئايدىن بۇيان سۇبېيدىن كەلگەن ئىككى نەپەر ئەركىشى موتوسىكىلىت بىلەن قولىغا ئوقيا ۋە مەس قىلىش دورىسى ئېلىپ چاڭجۇدىن دەنياڭغىچە بولغان رايونلاردا ساراڭلارچە ئۆي ئىتلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئوغۇرلىغان. 5-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇ...
14-05-2016
     جۇڭگونىڭ سۇرابايادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 13- ماي ئاشكارلىشىچە، نەچچە كۈن ئىلگىرى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلانغان سىنگاپور يۈك پاراخوتى مۇۋپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىقىلغان، يۈك پاراخوتىدىكى 11 جۇڭگو پۇقراسىنىڭ...
14-05-2016
       11-مايدىن 12-مايغىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى چوڭ ھىنگان تېغى ئورمان رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئومۇميۈزلىك يامغۇر ۋە قار ياغدى. تاغدىكى كاككۇك گۈللىرى پۈتۈنلەي قار-مۇز ئاس...
14-05-2016
       شىنجاڭ تورى خەۋىرى: يېقىندا سوغۇق ھاۋا ئېقىمى پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر قىلىپ، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەلكۈن كەلدى. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. ...
Powered by Leglek